خىتاي - تىبەت سۆھبىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەتنىڭ كېلەچەك ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى سۆھبەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. سۆھبەتتە تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى دالاي لاما تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئالىي ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى رەسمىي پىلانىنى خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتىدا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى 5 ‏ - نويابىر كۈنى ئاخىرلاشقان دالاي لامانىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيىنى مەزمۇن قىلغان ئوتتۇرا يولىنىڭ نائۈمىد ياكى ئۈمىدۋار يول ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى رادىكاللاشقان بولۇپ، ئۇلار دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان شۇنداقلا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت خىتاي ‏ - تىبەت سۆھبىتى تەكرار باشلانغان 2002 ‏ - يىلدىن بېرى 9 ‏ - قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، سۆھبەت خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى كىچىك كۆلەملىك بىر تىبەت ئۆمىكى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي تەرەپكە دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنىڭ رامكىسىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت پىلان ۋە تەلەپلىرىنى تاپشۇرغان ئىدى. لېكىن خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى رادىكاللاشقان بولۇپ، ئۇلار دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان شۇنداقلا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن مەسئۇلى جۇ ۋېيچۈن دۈشەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە پىلانى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋازكەچمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن جۇ ۋېيچۇن "دالاي لامانىڭ شەخسى ۋەكىلى تاپشۇرغان ئەسلەتمىنىڭ مەزمۇنى ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە "دېگەن. ئۇ يەنە تىبەت مۇستەقىللىقى، يېرىم مۇستەقىللىق ياكى مۇستەقىللىققە يول ئاچىدىغان ئىشىكنىڭ تاقاقلىقى، دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەقىللىقنى قوللىمىسا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكى دالاي لاماغا دائىم ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقى تەرەپلەرگە بۇرۇندىنلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاي دالاي لامانىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنىڭ پەيتىنى كۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى. جۇ ۋېيچۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبەت ھەققىدىكى بىر باياناتىدا ئىككى تەرەپنىڭ" كۆز قارىشىدا يەنىلا زور پەرقلەر مەۋجۇتلۇقىنى، لېكىن سۆھبەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتى سەمىمىي" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ دالاي لامانىڭ " چوڭ تىبەت پىلانى"نى تەنقىدلىگەن. ئۇ، دالاي لامانىڭ شەخسى ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغان " تىبەتلەر ياشايدىغان پۈتۈن رايونلارنى بىر تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاستىغا جەم قىلىش"تەلىپى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى، چۈنكى "چوڭ تىبەت رايونى" دېگەن ئۇقۇمنىڭ تارىخى ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دۆلەت كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن مەسئۇلى سى تا دالاي لاما تەرەپدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇ دالاي لاما تەرەپدارلىرىنىڭ چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا 60 مىڭ كىشىنى نامايىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى، چەتئەللىكلەرنى تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇراسىم مەيدانى ئەتراپىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جۇ ۋېيچۈن، بېيجىڭدىكى يىغىندا خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقى دۇ چىڭلىننىڭ تىبەت ۋەكىللىرىگە دالاي لامانىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى 7 ‏ - ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان 4" نى قوللىماسلىق" توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى، " چەتئەللىكلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى" نى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما يېقىندا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەشەببۇسىغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنى دارامسالاغا چاقىرىپ، ھازىرقى يولنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى يېڭى يولدا مېڭىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى تىبەت سۆھبەت ئۆمىكى 30‏ - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، 5 ‏ - نويابىرغا قەدەر خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دۇ چىڭلىن قاتارلىقلار بىلەن تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى باياناتى مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي - تىبەت سۆھبىتى توغرىسىدا 1 ‏ - قېتىم ئاشكارا پىكىر بايان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن دالاي لامانىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارى، كېلەر ھەپتە دارامسالادا چاقىرىلىدىغان دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى، سۆھبەت نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تىبەتلەرنىڭ سىياسى رەھبىرى شۇنداقلا دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى.

نۆۋەتتىكى تىبەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ جىددىي مەسىلە كېلەر ھەپتىدىكى تىبەت دۇنيا قۇرۇلتىيىدا تىبەتلەرنىڭ قايسى يولنى تاللىۋالىدىغانلىقى ھەمدە ئەگەر مۇستەقىللىقنى تاللىۋالسا دالاي لامانىڭ تىبەت داۋاسىدىكى رولىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار دالاي لامانى خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز سۆھبەت ئوبېكتى، دەپ قارىماقتا شۇنداقلا ئەگەر دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يولى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ رادىكاللىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.