خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى سىنئالغۇ ئۆزەكلىرىنى يىغىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 7 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان
2011.12.07

خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ يېقىندا غۇلجا شەھىرىدە كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش «ئەكسىيەتچىلىك» نى مەزمۇن قىلغان DVD ئۆزەكلىرىنى، سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تېما قىلىنغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ DVD ئۆزۈكى، شۇنداقلا يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي ئەركىنلىك مارشى ۋە بەزى دىنىي تېمىدىكى سىنئالغۇ ئۈزەكلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بايقالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 1-دېكابىردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «ئەكسىيەتچىل» مەزمۇندىكى DVD ۋە سىنئالغۇ ئۆزەكلىرىنى قانۇنسىز ساقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بىراق تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان.
دىلشات رىشىت، تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بەختىيار قاتارلىق 3 ياشنىڭ غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق پەنجىم يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەنجىم ساقچى پونكىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، قالغان 4 كىشىنىڭ غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، شەھەرلىك ساقچى ۋە دۆلەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ يەنە 1-دېكابىر كۈنى غۇلجا «شەرقىي شىنخۇا يولى» دا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى مۇقىملىققا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نارازىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، قارشىلىقنى ئۇلغايتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
غۇلجىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى DVD ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلدى. پەنجىم ساقچى پونكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش رايونىدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، رابىيە قادىر خانىم ۋە ياكى دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىك تېما قىلىنغان DVD، سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بايقالسا، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت «يۇقىرى چۈشۈرگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.
غۇلجىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل دېكابىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى يولغا قويغان نازۇك مەزگىلدە يۈز بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شوئارىنى توۋلاش بىر مەزگىللىك پەسىيىپ قالغان ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يازدا يۈز بەرگەن خوتەن «ناۋاغ»، قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەلىرى» دىن كېيىن، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى يەنە كۆتۈرۈپ چىقىپ، 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قايتىدىن يولغا قويغان.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «جەنۇبىي شىنخۇا يولى»دىكى ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە نەچچە مىڭ سىنئالغۇ لېنتىسى ۋە DVD ئۆرۈكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىم ئۆرۈكىنىڭ غۇلجىدا بايقىلىشى دائىرىلەرنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى تېما قىلىنغان مەزكۇر فىلىم 2008-يىلى ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور جەف دانىئال تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئىدى. مەزكۇر فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىددىي بىئارام قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە مېلبورىن كىنو فېستىۋالى قاتارلىق خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىدا قويۇلۇشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان، بىراق مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا مەزكۇر فىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان DVD ئۆزەكلىرىنى توپلاپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلغانلىقتۇر، دەپ تەنقىد قىلدى.
دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غۇلجىدا تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ساندىكى بىر قىسمىدىن ئىبارەت خالاس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 10 كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 4 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. دائىرىلەر يەنە ئاقسۇدا ئوخشاش سەۋەبنى كۆرسىتىپ، 11 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم قوزغىغان 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى نۇقتىلىق ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى چەكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار «دىنىي ساھەنى ھىمايە قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.