پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قۇربانلىق قويلىرىنى قايتۇرۇۋەتتى

پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ، قۇربان ھېيت باھانىسىدە پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىي مۇدىئاسى نەتىجە كۆرسىتەلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.11.30
Pakistan-Uyg-swat-yardem-305 ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﻟﭙﯩﻨﺪﻯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻳﺮ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ.
RFA Photo / Shohret

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ياردىمى زور مىننەتدارلىققا ئېرىشكەن بىر پەيتتە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق قوي تارقىتىپ بېرىش ھەرىكىتى نارازىلىقلارغا يول ئاچقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تۈركىيە ۋە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شۇنىڭدەك پاكىستاندىكى تۈركلەر ئىقتىساد ئاجرىتىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم پەرىزلەردىن بىرى بولغان قۇربانلىق قىلىش شەرتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي ئەلچىخانىسى " قۇربانلىق" نامىدا قوي كېسىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرگەن.

پاكىستاندىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئالاھىدە غەمخورلۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋەرسىز ھالدا قۇربانلىقنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ خىل قۇربانلىقنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇربانلىقنى كىمدىن ئالغان بولسا دەرھال شۇنىڭغا قايتۇرۇۋەتكەن.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددى بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بۇ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە بولماستىن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى كۆپ سادىر بولغانلىقىنى، دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاينىڭ قۇربانلىق نامىدا قوي كىسىپ مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بېرىشى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، مۇھىمى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەردە سىياسىي بىر مۇددىئانى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىپ كەلمەكتە.

گەرچە پاكىستان دېموكراتىك بىر دۆلەت ھېسابلانسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يېقىن بولۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىماقتا. ئەمما، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكپەر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بارلىق ئىمتىيازلارنى ئىشقا سېلىپ قولىدىن كېلىشىچە تىشىچانلىق بىلەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.