خىتاي بىلەن ۋېيتنام ئوتتۇرىسىدىمۇ ئارال ماجراسى جىددىيلەشمەكتە

ھازىر خىتاي بىلەن ۋېيتنام ئوتتۇرىسىدىمۇ ئارال ماجىراسى جىددىيلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دىپلوماتىيىسىگە يېڭى پۇرسەت پەيدا بولدى. بۇ ۋەزىيەتتە، رۇسىيىمۇ ۋېيتنامنىڭ كامران قولتۇقىدىكى بۇرۇنقى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ياپونىيە 9‏ - ئاينىڭ 7 - كۈنى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئارال ماجىراسى جىددىيلەشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، 9 - ئاينىڭ 11‏ - كۈنى، ۋېيتنامغا يېقىن جايدىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىنى 'ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلاۋاتقان خىتاي، ۋېيتنامنىڭ پاراسېل ئاراللىرىدا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان ۋېيتناملىقلاردىن 9 نى تۇتۇپ كەتكەن ۋە كېمىسىنى قاماپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ۋېيتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ ئارال ماجىراسى جىددىيلىشىشكە باشلىغان ئىدى.

ۋېيتنام خىتايغا، 9 نەپەر ۋېيتنام پۇقراسى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم، دەپ جاكارلىدى، ئەمما خىتاي...

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خانۇيدىن بايان قىلىشىچە، ۋېيتنام چارشەنبە كۈنى خىتايغا، تۇتۇپ كەتكەن 9 نەپەر ۋېيتنام پۇقراسى بېلىقچى كېمىسى بىلەن بىللە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم، دەپ جاكارلىغان ئىدى. 'سىياتول تىنچ ئوكيان ۋاقىت گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن، ۋېيتنامنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'جەرىمانە تۆلىمىگىچە قويۇپ بېرىلمەيدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ياپونىيە، ۋېيتنام ۋە پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا بىلەن سەپ تۈزدى

ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'خىتاي پوچتىسى' گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى باش ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پاراخوت ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا كېمە ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى.

بۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاي تەرەپ ۋېيتنامنىڭ بېلىقچىلىرىنى تۇتۇۋالدى. بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋېيتنام بىلەنلا ئەمەس، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى. بۇ، ياپونىيە، ۋېيتنام ۋە پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنى ئۆزلىرىگە يۆلەنچۈك قىلىپ تاللىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رۇسىيىنىڭ يەنە دۇنيا ئىشلىرىدا چوڭ رول ئويناش ئارزۇيى قوزغالدى

'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، خۇددى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا، ياپونىيە سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىن جايدا خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئارال ماجىراسى پەيدا بولغانغا ئوخشاش، خىتاي تەرەپ ۋېيتنامنىڭ پاراسېل ئاراللىرىدا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان 9 نەپەر ۋېيتنام پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن، ۋېيتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جەنوبىي تاقىم ئاراللىرى ماجىراسى پەيدا بولدى ۋە كۈندىن - كۈنگە جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

خۇددى تەيۋەندە چىقىدىغان 'ئاسىيا - تىنچ ئوكيان مۇداپىئەسى' گېزىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارال مەسىلىسى جىددىيلەشكەندە، دۇنيادىكى چوڭ ئىشلاردا رول ئوينىيالماي تىت - تىت بولۇپ كەتكەن رۇسىيە، دەرھال ياپونىيە بىلەن ئارال مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ دۇنيادا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاندەك، كېلەر ھەپتە ئىچىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى 10 دۆلەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي قاتارلىق 8 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خانۇيدا ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھازىر قايتىدىن تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كەلگەن بۇنداق ۋەزىيەتتە، رۇسىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېيتنامدىكى ھەربىي بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، دۇنيانىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارزۇيىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېراللىرى رۇسىيىنىڭ بۇرۇنقى قۇدرەتلىك دەۋرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ باش كوماندىرى ئادمېرال ۋىكتور كراۋچىنكو بۈگۈن 'ئەگەر رۇسىيە بۇرۇنقى قۇدرەتلىك دەۋرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىسا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇرۇنقى ۋېيتنام قولتۇقىدىكى كامران ھەربىي بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.

رۇسىيە ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېيتنام يېقىندىن بۇيان رۇسىيىدىن سۇئاستى پاراخوتى، دېڭىزدا قوللىنىدىغان ئۇرۇشچى ئايروپىلان قاتارلىق ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ھازىر رۇسىيە دېڭىز قىسىملىرى ئۈچۈن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ۋېيتنامنىڭ كامران پورتىغا كىرىش، ئاز دېگەندە، بۇ پورتنى ۋېيتنام بىلەن تەڭ پايدىلىنالايدىغان بولۇش ئېھتىماللىقى پەيدا بولدى.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1979‏ - يىلى ۋېيتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، ۋېيتنام ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كامران پورتىنى سوۋېت دېڭىز قىسىملىرىنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن ئىجارىگە بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى، ئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇشچى پاراخوتلىرى ۋېيتنامنىڭ كامران پورتىدا تۇرۇپ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندا راۋان ھەرىكەت قىلالىغان ئىدى. 2001‏ - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشى ئۆزگەرگەندىن كېيىنلا، رۇسىيە كامران پورتىنى تاقىغان ئىدى.

'رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ۋېيتنام بىلەن ھەمكارلىشىپ جەنۇبىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ئېچىشقا مەركەزلىشىپ قالدى'

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمما رۇسىيە دۇماسىنىڭ بىر ئەزاسى بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە 'رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا دېڭىز قىسىملىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىمىغا قارىغاندا، ۋېيتنامنىڭ كامران پورتىغا ئىجارە تۆلەش ئەرزان توختايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ۋېيتنام بىلەن ھەمكارلىشىپ جەنۇبىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ئېچىشقا مەركەزلىشىپ قالدى' دەپ بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.