خىتاينىڭ ئوبامانىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۆزىنىڭ خۇدۇكىنى ئاشكارىلىغانلىقى

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» پرېزىدېنت ئوبامادىن ئۇنىڭ 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ بېسىشقا ئىجازەت ئالغاندىن كېيىنلا، ئۇنى ئۆزگەرتىپ باستى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.09.09
obama-liwiye-nutuq-305.jpg پرېزىدېنت باراك ئوباما 2011-يىلى 29-مارت لىۋىيە مەسىلىسى توغرىلىق سوز قىلدى.
whitehouse.gov

مەشھۇر ماقالىلەرنى توپلاپ ئېلان قىلىدىغان «مەجمۇئە» ژۇرنىلى بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «بىز ئىزدىگەن ھەمكارلىق» دېگەن ماقالىسى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا 9‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ماقالىنى «بىز 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى بىرلىكتە خاتىرىلەيمىز» دەپ ئۆزگەرتىپ باستى.

«مەجمۇئە» ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ماقالىسىنى، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تېررورچىلار نيۇ-يورك شەھىرىدە قوزغىغان ھۇجۇم ئامېرىكىغىلا قارشى قوزغىغان ھۇجۇم ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئورتاق ئىنسانپەرۋەرلىككە ۋە بۈيۈك ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى قىلىنغان ھۇجۇم ئىدى دەپ باشلىغان.

ئوباما ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرغان: شۇ كۈنى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى 3 مىڭدەك بىگۇناھ ئىنسان، دۇنيادىكى 90 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئىرقى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان خەلق بىراقلا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىز ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز.

شۇ كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە شەھەردە ئادەملەر بىرلىككە كېلىپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندى. ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانا، مەسچىت، ساڭراملىرىغا كىرىپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ماتەم تۇتتى. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى گۈل چەمبىرەككە پۈركەندى. بىز بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز.

شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، پۈتۈن دۇنيا بىر جامائەتكە ئايلىنىپ، ئەلقائىدىچىلەرنى ئافغانىستاندىكى تېررورچى تەربىيىلەيدىغان بازىسىدىن قوغلاپ چىقاردى. تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇردى. ئافغانىستان خەلقى تېررورچىلاردىن خالى ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقىمىزدا كۈتۈلمىگەن مۇرەككەپ ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بىز بۇنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز.

-مەن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن،-دەيدۇ ئوباما ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى ئابزىسىدا، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن يەر شارى بويىچە باشلانغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى، ھەممە دۆلەت بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە كىرىشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئىزلىدىم. مانا بۇ بىز ئىزچىل ئىزدىگەن ھەمكارلىق ئىدى. ئەمما بۇ جەرياندا بىز بىر قاتار جىددىي رىقابەتلەرگە دۇچ كەلدۇق.

«مەجمۇئە» ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان بۇ ماقالىسىدە، گەرچە خىتاينىڭ دۆلەت نامىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئالمىغان، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن خىتاينى بىر ئورۇنغا قويۇپ «بىز» دېگەن سۆزنىمۇ ھەرگىز قوللانمىغان، پەقەت ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىق قانداق ھەمكارلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئەفسۇسلىنىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»نىڭ شۆبىسى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» پرېزىدېنت ئوبامادىن بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ بېسىشقا ئىجازەت ئالغاندىن كېيىنلا، ئوبامانىڭ ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى «بىز 11‏-سېنتەبىرنى بىرلىكتە خاتىرىلەيمىز» دېگەنگە ئۆزگەرتىپلا قالماي، بەلكى ئوبامانىڭ ئۈچ ئابزاس سۆزىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى، ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان، 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنى خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئەسلەۋاتقان قىلىپ ئۆزگەرتىپ باسقان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا يەنە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ خىتايدا يازغان 16 ئابزاسلىق ماقالىسىنىڭ ئۈچ ئابزىسىنى چىقىرىۋېتىپ باسقان ئىدى. خىتاي چىقىرىۋەتكەن بۇ ئابزاسلار دەل ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن، خىتاينىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ چۆككەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتتە جەمئىيەت ھەرگىز مۇقىم بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرمىسە بولمايدىغان ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەن ئابزاسلار ئىدى.

بۈگۈن ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرىلەردە، خىتاي گېزىتلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوبامانىڭ 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان ماقالىسىنى ئۆزگەرتىپ باسقانلىقى، دەل خىتاينىڭ 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرماقچى بولغانلىقى دەپ كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.