ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

«50 يىلدىن كېيىنكى 596‏-نومۇرلۇق سىناق: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى 29-فېۋرال كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بريۇسسېلدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-02-29
Share
yawrupa-parlamentide-atom-yighini-305.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 29-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لازلو تۆكېس، پارلامېنت ئەزالىرىدىن كرىستىنا ئوجۇلاند، ۋىتاۋتاس لاندسبېرگىس قاتارلىق كىشىلەر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

مەزكۇر يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، د ئۇ ق ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە خىتاينىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، مۇھىتقا ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئېلىپ كەلگەن زېيىنى ھەققىدە دوكلات بەردى.

yawrupa-parlamentide-atom-siniqi-yighin-385.jpg
ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 29-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى مارىنو بۇستاچىن ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت