خىتاي يەنە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، 8 ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىدىن سوت ئاچتى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازىسى بەردى. شۇنىڭ بىلەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانى 20 نەپەردىن ئاشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-01-26
Share
Olumge-buyrulghan-Uyghur-305.jpg 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ 1 ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯘ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺭﻭﺯﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﻮﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
AFP Photo

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈملىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ھەر خىل دەرىجىدە جازا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

25 - يانۋار ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بارلارنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، قالغان 8 نەپىرىگە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولار ئۈستىدىن ئاچقان ئەڭ يېڭى سوتتۇر. شىنخۇئا ئاخباراتىدا سوت ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان 13 جاۋابكارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار جاۋابكارلارنى سوتلاش جەريانىنىڭ يەنىلا بىر سوئال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رىچاردسون مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھۆكۈملەرنى بىر قانچە جەھەتلەردىن ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ دەپ تونۇيمىز. ئالدى بىلەن بىز ئۆلۈم جازاسىغا قارىشى. بۇ بەك ۋەھشىيلىك. بىز خىتايدىكى سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپىدىن ئەزەلدىن ئەندىشىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئادەتتىكى سوتلاردىمۇ شۇنداق. ئەمما بۇ بەك سەزگۈر دېلولار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردە، بۇ جاۋابكار ئۆزلىرىگە ئارتىلغان جىنايەت ئىسپاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىندىمۇ، ئۇلارغا ئۆز ئالدىغان ۋاكالەتچى تۇتۇش پۇرسىتى بېرىلدىمۇ، ئۇلار خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن قىلىندىمۇ قاتارلىق سوئاللار جاۋابسىز قالدى."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئاچقان سوتلىرى قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنىي ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى قىلغان.

سوفىي رىچاردسون خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھەممە سوتلار بولۇپمۇ، بۇ خىلدىكى سوتلار ئاساسەن سىياسىيلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتلار تېخىمۇ كەسكىن سىياسىيلاشتۇرۇلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: "مەنچە، نۆۋەتتە بۇ خىل سىياسىيلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى مەنپەئەتى، مۇقىمسىزلىق سەۋەبلىرى ۋە باشقىلارنى ھۆكۈمەتنى يەنە تەنقىد قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرۇش مەقسىتىدە شىنجاڭدا ئالاھىدە كەسكىنلەشتى."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن يىڭنە سانجىش ۋەقەسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار جەمئىي 9 قېتىم سوت ئاچقان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەرياندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 26 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن قولغا ئېلىنغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلەتمىسە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن قولغا ئېلىنغان خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايلا قالماي، خىتاينىڭ سوتنى قالقان قىلغان ئاساستا، جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇش قىلمىشلىرى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
 
سوفىي رىچاردسون خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈم قىلىش خاھىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوز قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ھەمدە بۇ خىلدىكى ئۆلۈم جازالارنى ئىجرا قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشتا دۆلەت دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاينى بۇ خىلىدىكى جازالارنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارا جەمئىيەت يەنە، دوكلاتلىرىمىزدا خاتىرىلەنگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياش يىگىتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قەيەردە، قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىشى ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇپ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. مەنچە نۆۋەتتىكى ئەھۋال شۇنداق شەكىلدىكى ئەيىبلەشلەر ۋە جامائەت پىكرىنى شەرت قىلىنىدۇ."
 
دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە رويتېرس ۋە ب ب س قاتارلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقىرىغىمۇ بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋاسىتىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (2)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Jan 27, 2010 07:55 AM

ﺋﯩﻐﻠﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﺳﻪﻣﺮﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﯬﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﻳﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﯬﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

Anonymous says:
Jan 26, 2010 12:56 PM

ﯪﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﯬﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ "ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺷﻮﯪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯧﻤﯩﺰﻩﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﯬﻣﺪﻯ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﯮﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺳﺎﺧﺘﺎ! ﺳﺎﺧﺘﺎ! ﺳﺎﺧﺘﺎ!........

ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﯮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯ ﺧﻪﻟﻘﯫﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯬﻣﻪﺱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ﯴﻣﯜﺩ ﺑﺎﻏﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.