ئانالىزچىلار: جۇڭگودىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئارقىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بار

ياپونىيە «سېنكاكۇ» ياكى خىتايلار «دياۋيۈداۋ»، دەپ ئاتايدىغان ئارالنى سېتىۋېلىپ پارتلىغان ھەر قايسى خىتاي شەھەرلىرىدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىش، سەيشەنبە كۈنى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.19
xitayda-namayish-senkaku-305.jpg خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن سېنكاكۇ ماجىراسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2012-يىلى 16-سېنتەبىر، يەنتەي.
AFP

تۈنۈگۈنكى نامايىش ياپونىيە 1931‏-يىلى شەرقىي-شىمالدىكى 3 ئۆلكىنى ئىگىلەپ، مانجۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان «18‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ دەل 83‏ يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەن. بىراق خىتاينىڭ مۇقىملىققا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەزگىلدە، ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا يول قويۇپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سۈكۈت قىلىشى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى چارشەنبىدىن ئېتىبارەن پەسىيىشكە باشلىغان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئەتراپىغا قوراللىق ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەلچىخانا ئالدىغا يىغىلىشىنى مەنئى قىلغان. شۇ كۈنى يەنە ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر توپ كىشى يىغىلىش ئۆتكۈزگەندىن سىرت، خىتاينىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەن.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋە سەيشەنبە يەنى «18‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 83 يىللىق خاتىرە كۈنى  بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىدا تاشقىنلىق يۈز بېرىپ، ياپونىيە تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياپون ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ چېقىش، ياپون پۇقرالىرىغا، دىپلوماتىك ئورگانلىرىغا ۋە ياپون سودا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشتەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىققا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ناھايىتى سەزگۈر مەزگىلدە يۈز بېرىشى، بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا غەرب-شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىگە قارشى نامايىشنىڭ بۇ مەزگىلدە يۈز بېرىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ، ياپونىيىگە قارشى نارازىلىقنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋېلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك قىلسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى قوللاپ، خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئىچكى نارازىلىقتىن تاشقى مەسىلىگە بۇراپ قويغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى بېسىمدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ لىيۈ: كېلەر ئاي 18-قۇرۇلتاي ئېچىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىگلىك. كىشىلىك ھوقۇق بۇلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ بۇ مەسىلىدە يول قويۇشنى خالىمايدۇ. ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسى ئىزچىل توقۇنۇشۇپ كەلدى. ئۇلار مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا زەربە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشىدا ھېچقانداق ئۈمىد يوق. شۇڭا كومپارتىيە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى دياۋيۈداۋ مەسىلىسىگە بۇرىۋەتتى. بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇنتۇپ قېلىندى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دىققىتى دياۋيۈ ئارىلى ۋە جوڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە مەركەزلىشىپ قالدى. ھازىر جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئو پانېتتا دەل خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. لېئو پانېتتا، چارشەنبە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى ئەركىن سودا، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى ۋە تورنى ئېچىۋېتىش، ئىختىلاپنى مەجبۇرلاش ياكى كۈچ قوللانماي، تىنچ ھەل قىلىش پرىنسىپىغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، بېيجىڭدىكى بىر ھەربىي ئاكادېمىيىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا يەنە ياش خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرلىرىغا خىتاب قىلىپ، خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قائىدە قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بەزى ئانالىزچىلار ئۇنىڭ سۆزى شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەر بىلەن غوۋغا قىلىۋاتقان خىتايغا قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق پانېتتا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسى خىتاينى تەقىب قىلىشقا قارىتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋە يېڭى ھەمكارلىق مودېلى شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پانېتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ياپونىيىدە توختاپ، توكيو بىلەن ياپونىيە زېمىنىدا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى رادار ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. ئۇ، مەزكۇر رادار شىمالىي كورىيىنىڭ باللىستىك بومبىلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كېلىشىم خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن پەيتكە توغرا كەلگەچكە خىتاينى ناھايىتى بىئارام قىلغان.

بىراق پروفېسسور ياڭ لىيۈنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى زېمىن ئىختىلاپىدا بىتەرەپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن ياپونىيىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ياڭ لىيۈ، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ قوراللىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئاز، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە قارىماققا ئادىل مەيداندا تۇرغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنى قوللايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. بىرىنچىدىن، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى بار. ئەگەر ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى قوللاش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، بىتەرەپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكا ياپونىيىنى قوللىشى كېرەك. مانا بۇ ئۇرۇش پارتلىمايدىغانلىقىدىكى مۇھىم سەۋەب.

ياڭ لىيۈ ئەسكەرتىپ: مېنىڭچە ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەگەر دياۋيۈ ئارىلىنى، دەپ ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئېغىر چىقىم تارتىدىغانلىقىنى ھەر ئىككى تەرەپ ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمنىڭ يېڭىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى تەس. ھازىرقى دەۋردىكى ئۇرۇش 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇرۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. جۇڭگونىڭ قورال-ياراقلىرىمۇ خېلى سەرخىل. ياپونىيىنىڭ قورال-ياراقلىرىمۇ ئەلۋەتتە يامان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بار. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاۋازى ناھايىتى قاتتىق، تەلەتى بەك يامان بولسىمۇ، بىراق ھەرىكىتى ناھايىتى ياۋاش. جۇڭگو ھازىر مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئارقىلىق پۇقرالارنى قۇرۇتۇپ، ئۇلارنى ياپونىيىگە قارشى نامايىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ. بىراق جۇڭگو يەنە بىر تەرەپتىن نامايىشنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ، دېدى.

خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىش، خىتايدىكى ياپونىيە دىپلوماتىك ئورگانلىرىغا، سودا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇمى ياپونىيىدە ئىنكاس قوزغاپ، ياپونىيىدىكى خىتاي سودا مۇلازىم ئورۇنلىرىغا قىسمەن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك  ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى بىر خىتاي مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىغا ئوت قويۇش، فۇكۇكا ناھىيىسىدىكى 4 خىتاي ئاشخانىسىنىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرىنى چېقىۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. توكيو شەھەر باشلىقى سېنتارو ئىشىخارا خىتايلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى نامايىشى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق قىلمىشى ۋە ساپاسىزلىق» دەپ تەنقىد قىلغان. ياپونىيە دېڭىز قوغداش نازارىتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن خىتاي چارلاش پاراخوتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر يەنە ياپونىيە دېڭىزىغا يېقىنلاشسا، چۆكتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيىگە قارشى نامايىشنى ئاقلاپ، نامايىشنى پۈتۈنلەي ياپونىيىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.