خىتايدا دىنامىكىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولۇۋاتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون خانتېرسمان بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە 'خىتايدا دىنامىكىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولۇۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىدى. ھازىر خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىش زادى قانداق ئۆزگىرىش؟ بۇ ھەقتە تەيۋەندە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون خانتېرسمان خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان رەھبەرنى تەقدىرلىدى. شۇنداقلا، خانتېرسمان ئەپەندى يەنە، خىتاي سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بىلەن باردى -كەلدىنى ئازايتىش كېرەك دېگەن تەكلىپنى رەت قىلدى. ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدە 'ھازىر خىتايدا دىنامىكىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولۇۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلدى.

ئەمما، بۇ ئۆزگىرىشتە خىتاينىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى تەخمىنلەش قېيىن

باش ئەلچى خانتېرسماننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان دىنامىكىلىق ئۆزگىرىش (ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىكى ئۆزگىرىش) نىڭ ئۆزى، بىر ناھايىتى قىزىقارلىق ئۆزگىرىش. ئەمما، بۇ ئۆزگىرىشتە خىتاينىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى تەخمىنلەش قېيىن. خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان 'دېموكراتىيە' نىڭ مەنىسى يەنىلا مۇجىمەل. خىتاي رەھبەرلىرى دەۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك، دۇنيادا دېيىلىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ، بۇمۇ تېخى نامەلۇم. ئەمما، مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىدىن ھازىرقىدەك دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن ۋېن جياباۋنىڭ ئاغزىدىن چىققان 'خەلققە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلالايدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىش لازىم' دېگەن ئاۋازىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. مەيلى قانداق بولسۇن، خىتايدا ھازىر شۇنداق بىر خىل يېڭى ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت.

نېمىلا بولمىسۇن، ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خانتېرسمان سۆزىدە يەنە 'خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏ - يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىگە قارىتا غەزەپ ئىپادىلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توسۇشقا باشلىغان ئىدى، ئەمما، ھازىر ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ئىنتېرنېتكە كېرىپ ئەركىن پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ. تورلاردا يەنە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەزمۇنىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدىكى مۇزاكىرە توختاپ قالمىدى. ئومۇمەن، ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ' دېگەن.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېيىلگەن گەپمۇ ياكى شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولغاندا ئامالسىز دېيىلگەن گەپمۇ، بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك

بۇ ھەقتە تەيۋەندە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ قانداق ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىگە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېيىلگەن گەپمۇ ياكى شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولغاندا ئامالسىز دېيىلگەن گەپمۇ، بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

خىتايدا پەيدا بولغان يېڭى ئۆزگىرىش - خىتاي رەھبەرلىرى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز دېگەن گەپنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۆزگىرىش

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىر پەيدا بولغان بىرخىل يېڭى ئۆزگىرىش خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشىغا يول قويۇش، دېگەن گەپلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى ئۆزگىرىش.

خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادمۇ ‏ - ئەۋلاد ئاجىزلاۋاتىدۇ

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادمۇ ‏ - ئەۋلاد ئاجىزلاۋاتىدۇ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئېڭى بارغانسېرى كۈچ تېپىۋاتىدۇ.

باش ئەلچىنىڭ سۆزلىرىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنى گورباچىفتەك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا باش ئەلچىسى ھازىر خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان بۇنداق يېڭى ئۆزگىرىشنى سېزىپ، خىتايدا كىچىككىنە بولسىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان خىتاي رەھبەرلىرىنى دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇق تۇتىدىغان رەھبەرلەرنى گورباچىفتەك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.