خىتاي دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا رىئايە قىلىنىدىغان يېڭى نىزامنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2010 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، دېلولارنى ئېنىقلاشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى نىزامنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.08.26
Xitay-chiqarghan-yengi-delo-qanuni-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺩﯦﻠﻮ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﺘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻼﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.jcrb.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ نىزامنامە جەمئىي 14 ماددىلىق ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ نىزام، ھەرقايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايونلاردىكى، تەپتىش مەھكىمىلىرى، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي ئىشلار تەپتىش مەھكىمىسى، مەركىزى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى قوغداش بۆلۈمى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىگە بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغان. نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىنى نازارەت قىلىش ۋە سادىر قىلغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 1 - ماددىسىدا، قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا ئاساسەن، دېلو ئېنىقلاش جەريانىدا قانۇن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش، قانۇنى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېلو ئېنىقلاش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 2 - ماددىسىدا خەلق تەپتىش ئىدارىلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش، بېجىرىلگەن دېلولارنىڭ سانى، سۈپىتى، ئۈنۈمى قاتارلىقلاردا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېلولارنىڭ قانۇن بويىچە بېجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 3 - ماددىسىدا، ج خ خادىملىرى جىنايەت يىپ ئۇچىنى ئېنىقلاش جەريانىدا، نازارەتنى قوبۇل قىلىش، قائىدە نىزاملارغا ئاساسەن دېلو تۇرغۇزۇش ياكى دېلونى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنغان. يەنى دېلونى ئېنىقلاش جەريانىدىكى، ئۇچۇر ئىگىلەش، دېلو تۇرغۇزۇش، رازۋېدكا قىلىش، ئېنىقلاش، قولغا ئېلىش ۋە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، نازارەتنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 4 - ماددىسىدا، ج خ ئىدارىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، رازۋېدكا قىلىپ، دېلو تۇرغۇزۇش جەريانىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نازارەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 5 - ماددىسىدا، ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو ئېنىقلاش، دېلو تۇرغۇزۇش جەريانىدا رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك قائىدە نىزاملار 4 نۇقتا بويىچە كونكرېت بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدا پۇقرالارنىڭ ناھەق جازالىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقچى خادىملىرىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەرز تاپشۇرۇۋېلىنسا، بۇ ئەرزلەرنى تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 6 - 7 - ماددىلىرىدا، تەپتىش مەھكىمىلىرى ج خ ئىدارىلىرىنىڭ دېلو ئېنىقلىشىغا قايىل بولمىغان ئەرزلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەرزلەرنى باستۇرۇپ قويماسلىق، ئېنىقلاش، شۇنداقلا ج خ ئىدارىلىرىدىن دېلو ئېنىقلاش جەريانىدا تەكشۈرۈلگەن، تۇتۇپ تۇرۇلغان، ياكى بېجىرىلمەي توڭلىتىپ قويۇلغان دېلولارغا قارىتا چوقۇم يازما دوكلات ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 8 -9 - ماددىلىرىدا خەلق تەپتىش ئىدارىلىرى ج خ ئىدارىلىرى بېجىرىۋاتقان دېلولارنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇ خىل دېلولارنى قايتا ئېنىقلاش ياكى بىكار قىلىش ھەققىدە چوقۇم ج خ ئىدارىلىرىغا يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ قارارنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا ج خ ئىدارىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە دېلوغا قايتا قاراپ چىقىش ۋە دېلو ھەققىدىكى يازما دوكلاتنى دېلو ئېنىقلاش جەريانىدىكى پۈتۈن ماتېرىياللار بىلەن بىرلىكتە تەپتىش ئىدارىلىرىغا يوللاپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 10 - 11 - ماددىلىرىدا ج خ ئىدارىسى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قايتا كۆرۈپ چىقىش ياكى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەگەر بۇ ئۇقتۇرۇشقا قايىل بولمىسا، چوقۇم 5 كۈن ئىچىدە ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئوخشاش دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن دېلونى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ 7 كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتىكى جاۋابنى ئېلىش ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا تەكشۈرۈش ھەققىدە دوكلات سۇنۇش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان. دېلو مەلۇم قىلىنىپ 3 ئايغىچە ئېنىقلانمىغان دېلولارغا قارىتا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ " دېلونى بىر تەرەپ قىلىشنى سۈيلەش" ھەققىدە ج خ ئىدارىلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 12 - 13 - ماددىلىرى ساقچى خادىملىرىنىڭ دېلو ئېنىقلاش جەريانىدا قائىدە تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرى بايقالسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، دېلو تۇرغۇزۇپ ئېنىقلىشى، ج خ ئىدارىلىرى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا چوقۇم دېلو ھەققىدىكى ماتېرىيالنىمۇ بىللە سۇنۇشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ ئاساستا تەستىقلاش ھەم دېلونى بېجىرىش جەريانىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىنىڭ 14 - ماددىسىدا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ 2010 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

 خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا، قانۇن خادىملىرىنىڭ قانۇنى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلمىشلىرى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خىتايدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوراق جەريانىدا، ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن ھەر خىل قىيىن قىستاققا ئېلىنىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوراق جەريانىدا تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

رادىئومىزمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ئىگىلىگەن ۋە مەخسۇس خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. مەسىلەن بۇلتۇر 1 - ئايدا يەركەن ساقچىخانىسىدا سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن مەمەت تۇرسۇن تاش دېلوسى، بۇلتۇر 18 - سېنتەبىر " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ غۇلجىدا قولغا ئېلىنغان ۋە سوراق جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن شۆھرەت تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى، مانا مۇشۇ خىل قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملارنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ تىپىك مىساللىرى ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، بۇ خىل قانۇن خادىملىرىنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە جازالانغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.