شەنشىدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زاۋۇت، ئاھالىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

دۇڭلىڭ قوغۇشۇن زاۋۇتى 2003 ‏- يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فېڭشياڭ ناھىيىسىدە قۇرۇلماقچى بولغان. شۇ چاغدىلا قوغۇشۇن تاۋلاش ئىشى تېخنىكا جەھەتتىن ئۆلچەملىك بولمىسا، مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقى ۋە ئاھالىلەر ئارىسىدا ئېغىر كېسەللىككە سەۋەب بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە تىمىسى بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.08.17
Xitayda-hawa-bulghunush-305.jpg 2005 - ﻳﯩﻠﻰ 23 - ﻣﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺲ - ﺗﯘﺗﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت زاۋۇت ئەتراپىدىكى 581 ئائىلىنى باشقا جايغا كۆچۈرىۋېتىش ئارقىلىق، زاۋۇتنىڭ خەتىرىدىن ساقلانماقچى بولغان ھەمدە زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويۇلغان. لېكىن ئۇنداق ئىجرا قىلىنمىغان. پەقەت زاۋۇت ئەتراپىدىكى 156 ئائىلىلىك كىشى دەسلەپكى بىر يىلدا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. قالغان ئائىلىلىكلەر خەتەر ئاستىدا ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان.

يېقىنقى ئايلارغا كەلگەندە زاۋۇت ئەتراپىدىكى ئىككى كەنتتىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ بالىلاردا، باش قېيىش، ئېسىنى يوقىتىش قاتارلىق تۈرلۈك غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. سەھىيە خادىملىرى كېسەلگە دەسلەپكى چاغلاردا دىئاگنوز قويالمىغان. يېقىنقى تەكشۈرۈشلەردە بالىلارنىڭ قان تەركىپىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ، نورمالدىكىدىن 6 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان.

تەكشۈرۈشتە جەمئىي 731 نەپەر بالا تەكشۈرۈلۈپ، بۇلارنىڭ 615 نەپىرىنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلىكى بېكىتىلگەن ۋە زەھەرلىنىشى ئېغىر بولغان 146 بالا دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان. باۋجى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە زاۋۇتتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، زاۋۇتنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ، ھاۋا ۋە زېمىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانلىقىنى، بالىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشكە مەزكۇر زاۋۇتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر زاۋۇتنى ئىشتىن توختاتقان ۋە بالىلارنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىۋاتقان ھەم يەنە زاۋۇت ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنى تەل-تۆكۈس كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى باسالمىغان. بۈگۈن ئەتىگەن ئەتراپدىكى 100 دىن ئارتۇق كىشى دۇڭلىڭ قوغۇشۇن زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلىپ، زاۋۇتنىڭ چىت-توساقلىرىنى ۋە بىر قىسىم زاۋۇت ئۈسكۈنلىرىنى ئۇرۇپ چاققان. يەرلىك ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئىسيانكار ئاھالىلەرنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرغان.

ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر تېخنىكىلىق ئاجىزلىق مەسىلىسى بولۇپ، مەزكۇر زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا، پاسكىنا سۇ، پاسكىنا ھاۋا ۋە قالدۇق ئەخلەتلەرنى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلالمىغان. ئامېرىكا-خىتاي تېخنىكا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور Xie Zhangye نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر قانۇنىي مەسىلە.

دوكتور شيې نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئەمەس، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانمۇ ئەھۋال ئەمەس. بۇ يەردە پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى قوغلىشىپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ قەدىر -  قىممىتىنى چەتكە قېقىشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. نۆۋەتتە تەرەققىي تاپقان ئەللەردە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تۈزۈلگەن مەخسۇس قانۇن، كېلىشىم ۋە بەلگىلىمىلەر بار. ئەمما خىتايدا قانۇن بۇ دەرىجىدە كونكرېتلاشقان ۋە سېستىمىلاشقان ئەمەس. قانۇنلاشقانلىرى بولسا ئىجرا قىلىنغىنى يوق.

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىدىكى دوختۇر Zhang Yu mu نىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنىڭ يىلتىزى يەنىلا سىياسىي. چۈنكى نۆۋەتتە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى خىتايدا مۇستەقىل بىر ئورگان ئەمەس، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسمى؛ شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەلۇم بىر زاۋۇتنى تەستىقلاپ قارار چىقارسا، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تارمىقى بولغان مۇھىت ئاسراش ئىدرىسىنىڭ مەزكۇر تەستىقنى بىكار قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.

قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر زاۋۇت، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر زاۋۇت بولۇپ، زاۋۇت پارتكوم سېكرىتارى ۋە زاۋۇت دېرىكتورى ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى؛ ئۇلار ئالدىنقى يىللاردا ناھىيە بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.