"شىنجاڭ تولۇق ئۇتتۇرا سىنىپ" لىرى نېمە نەتىجە بېرىشى مۇمكىن؟

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا، ئۇيغۇر ئېلىدىن دەسلەپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت بالىلىرى بولۇپ ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلگەن بولسا، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىنىپلارغا بەش مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.25

 ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 50 ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى تاللىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا ‏-ئانىلىرىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى، ئېمتىھان نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم شەرت سۈپىتىدە قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

 بۇ ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىغا تەنقىدى قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.