خىتايدا 10 مىڭ كىشىلىك توپىلاڭ يۈز بەردى
2012.10.18

خىتاي ھۆكۈمىتى 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكە-رايونلاردا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە كۆلەمدىكى قارشىلىقلار، توپىلاڭلار يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لوجۇ شەھىرىدە 17-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن قاتناش ساقچىلىرى بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما قوزغىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لوجۇ قاتناش ساقچىلىرى خاتا توختىتىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىغا ئاپتوموبىلىنى باشقا يەرگە توختىتىشنى بۇيرۇغان. شوپۇر رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئارىدا جېدەل چىقىپ، ئۆز - ئارا تىللاشقان. يەنە بىر مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار جەرىمانە قويغان. شوپۇر جەرىمانە تۆلەشنى رەت قىلغان. ئاقىۋەتتە، ئۈچ نەپەر قاتناش ساقچىلىرى بىرلىشىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەتراپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان شوپۇرلار بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەقەنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، ئەتراپقا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلانغان. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ساقچىلارنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ساقچىلارغا يانغان. ئارىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقىپ، بەزى نامايىشچىلارنىڭ باشلىرى يېرىلغان. تېخىمۇ غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارىتىپ تاش-كېسەك ئېتىشقا باشلىغان. نارازىلىق نامايىشى بىردەمدىلا توپىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن. ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى ئەترىتى خادىملىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، نامايىشچىلارغا زورلۇق بىلەن تاقابىل تۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 17-ئۆكتەبىر لوجۇدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە 18-ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان. نامايىشچىلار خىش-كېسەك، تاش-توقماقلار بىلەن ئېلىشقان، بوتۇلكىلارغا بېنزىن قاچىلاپ ساقچىلارغا قارىتىپ ئاتقان. ساقچىلار بولسا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە 6 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، 5 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە برونىۋېك ئۆرۈۋېتىلگەن. ساقچىلار 20 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. نامايىشچىلاردىن قانچىلىك ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە قانچىلىك ئىقتىسادى زىيان بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا ساقچىلارنىڭ شوپۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ «شوپۇرنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئۆلگەن» دېگەن. ئەمما گۇۋاھچىلار بۇ پىكىرنى رەت قىلغان.
بوشۈن تورىنىڭ 18-ئاۋغۇست نەق مەيداندىن ئالغان خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغۇچىلار ۋەقە توغرىسىدا نەق مەيداندا تۇرۇپ تور بەتلىرىگە ئۇچۇر يوللىيالمىغان. يوللىغان ئۇچۇرلىرى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. سىچۈەن تەۋەسىدىكى تورلار بىردەك قامال قىلىنغان. سىچۈەن گېزىتىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى سانىدىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە يەرشارى ۋاقتى قاتارلىق ھۆكۈمەت قاناللىرىمۇ بۇ توغرىسىدا تېخى زۇۋان سۈرمىگەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايدا ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان پۈتكۈل قارشىلىقلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتسىز سىياسىتىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇ ۋەقە تۈپەيلى، بوشۈن تورىغا تۈرلۈك ئىنكاسلار يېزىلدى. بۇ ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىنى لوجۇدا بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر يازغان. ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە شۇنداق دېيىلگەن: «خەلق ھازىر پارتلاش ئالدىدىكى بومبىغا ئايلىنىپ قالدى. كىچىككىنە بىر ۋەقە يۈز بەرسە، دەرھال بۇ سەپكە قوشۇلۇپ، ئۇنى يوغىنىتىۋېتىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى مۇشۇ ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.» يەنە بىر ئىنكاس يازغۇچى شۇنداق دېگەن: «ھەممە يەرنى ناھەقچىلىك قاپلاپ كەتتى. لوجۇدىكى بۇ ۋەقە دۆلىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان تۇنجى ۋە ئاخىرقى ۋەقە ئەمەس، ھەر يەردە ھەر كۈنى دېگۈدەك داۋاملىق كۆتۈرۈلۈش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ كۆتۈرۈلۈشلەر ئاخىرى ھۆكۈمەتنى گۆرگە تىقىدۇ.» يەنە بېزىلەر «جۇڭگودا جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن، ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىدىغان زامان كەلمىگۈچە، قارشىلىق بېسىقمايدۇ» دېسە، بېزىلەر «سۇنىڭ بېشى لاي، پۈتۈن ئەمەلدارلار چىرىپ، جۇڭگو جەمئىيىتى ئەخلەتخانىغا ئوخشاپ قالدى» دېگەن. بېزىلەر ئىنكاسلىرىدا ئەمەلدارلارنى ئاگاھ بولمىسا بېشىنى يەيدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتسە، يەنە بېزىلەر بۇ جاھاننىڭ بۇزۇلمىسا تۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ھازىر بۇزۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنلىكىنى، ئۇزۇنغا قالماي خىتايدا زور بىر بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى يېزىشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆپلىگەن توپىلاڭ، نامايىش ۋە ئىش تاشلاش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ئۇيغۇر ئىلىدىمۇ ۋەزىيەت تىنچ ئەمەس. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قاغىلىقتا خىتاي ساقچى گازارمىسىغا موتسىكلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئىدى.