مىللىي مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر نەدە؟ (1)

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە دائىرىلىرى دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ھېچقانداق مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلىرىنى بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەتتا تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2008-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقەتەن مىللىي مەسىلە مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ماقالىسى بۇ سوئاللارغا يېتەرلىك جاۋاب بەرسە كېرەك.

ئاساسلىق ئامىل سىياسىي سەۋەب

جاڭ بىڭلى خانىم " شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتلەرگە نەزەر " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە مىللەت ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلغان بولسا، 2007 - يىلىغا كەلگەندە %47 كە چۈشۈپ قالغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ رايوننىڭ مىللەت تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 54 مىللەت تەركىبىگە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىشىدە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

جاڭبىڭلى ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زىددىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.

جاڭبىڭلى ئۆز ماقالىسىدە ئالدى بىلەن سىياسىي سەۋەبنى كۆرسىتىپ، "1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، قانۇنىي ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت جەھەتتىن ئالغاندا يەرلىك مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن بۇ جايدىكى رېئاللىق كۆرسەتتىكى ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇق ئىزچىل ھالدا خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ھەقىقەتەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللىرى بار. بىراق، ھەقىقىي ۋە ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى غا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نامدىكى ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ "دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى تەڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بىڭتۇەن ۋە ئاپتونوم رايون

جاڭبىڭلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر ئايرىم ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇ بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ: " بىڭتۈئەنگە قاراپ باقايلى، بۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنزۇلاردىن تەركىپ تاپقان ئورۇن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىدى، بىراق ئۇنىڭ مۇستەقىل مەمۇرىي، ئەدلىيە، ئىقتىساد ھەم نوپۇس تۈزۈمى بار. بۇنداق بىر رايوندا ئىككى رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇشىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش مودېلى، كۆپلىگەن ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ."

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى، بۇ جايدا ئەمەلىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، "كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، سىياسىي جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغان" دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، سىياسىي باراۋەرسىزلىكنىڭ مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.

ئىقتىسادىي ئامىلمۇ ئوخشاشلا مۇھىم سەۋەب

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭبىڭلىنىڭ ماقالىسىدا تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتكە سەۋەب بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىقتىسادىي ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور پەرقلەر بار، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تەكشىسىزلىك ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا نامۇۋاپىقلىق مەۋجۇت.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت