بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرمەمەت ياسىن، گۈلمىرە ئىمىن، مەھبۇبە ئابلەش، دىلشات پەرھات ۋە غەيرەت نىياز قاتارلىق تونۇلغان سىياسىي مەھبۇسلاردىن باشقا، ئابدۇقادىر مەخسۇم، ئابدۇكېرىم ئەيسا ۋە مۇختەر رەھمىتۇللا قاتارلىق تونۇلمىغان؛ ئەمما ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردە رول ئالغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابدۇقادىر مەخسۇم، 2008 - يىلى ئولىمپىك ھارپىسىدا يۈز بەرگەن خوتەن ئاياللار نامايىشىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەن. مۇختەر رەھمىتۇللا 1997 - يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى قوزغىغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ 17 يىللىق كېسىلگەن. يەنە دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2002 - يىلى شاڭخەي ساقچىلىرى، ئابدۇكېرىم ئەيسا، ئەخمەت ئابلەي ۋە راخمان ئابدۇرېيىم قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.
شاڭخەي ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر ۋە ئىككى يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان. دوكلاتتا يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇخېلىل زۇنۇن، يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى قادىغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىقتىن كېسىلگەن ئابدۇغېنى ئىمىن قاتارلىق ياشلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە، بۇ قېتىمقى تىزىملىكتىكى سىياسىي مەھبۇسلار 2008 - يىلى لاسا ۋەقەسىدە تۇتۇلغان تىبەتلەر ۋە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان دەپ ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن مەنبەلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر كومىتېت بۇ مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئىگىلىگەن. بىر قىسمىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق خىتاي تەرەپتىن بىۋاستە ئىگىلىگەن؛ يەنە بىر قىسمىنى بولسا خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت توربەتلىرى ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن توپلىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر تىزىملىك ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بىز نېلسون ماندىلاغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئەينى يىللاردا تۈرمىدىن قويۇۋېتىلىشىگە، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلىمىز ۋە بۈگۈن ئەركىنلىك ئۈچۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە دۇنيا جامائىتىنى مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنى كۆزىتىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كومىتېتى 2002 - يىلدىن باشلاپ، مەخسۇس خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ كەلگەن. بۇ ئارخىپقا سىياسىي مەھبۇسلار مەلۇمات ئامبىرى نام بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئارخىپتا 5689 نەپەر سىياسىي مەھبۇس ھەققىدە مەلۇمات بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى 1452 نەپەر سىياسىي مەھبۇس ھەققىدىكى مەلۇمات، يېڭىدىن ئىگىلەنگەن تولۇقلىما مەلۇماتتۇر.
نۆۋەتتە بۇ ئارخىپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە پايدىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئارخىپ كومىتېتنىڭ تور بېتى ئارقىلىق دۇنياغا ئوچۇق تۇتۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئورۇنلىرى؛ ئاخبارات ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىمۇ بۇ ئارخىپتىن ئىشەنچلىك ۋە تەرەپسىز مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.