خىتاينىڭ 'شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى'دا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەيىبلەنگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.21
2009.09.21

Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.
لېكىن ئانالىزچىلار بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شىنجاڭ" مەسىلىسىدىكى قارىشىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى" دېگەن ماۋزۇدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە ئارتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى ھەرىكىتى "شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى"، "مەبلەغ سېلىشقا توسالغۇ" بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەنى چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى "تېررورچىلار كۈچلەر، بۆلگۈنچىلەر ۋە رادىكال كۈچلەر" نىڭ پىلانلىشى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى "جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى" دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 5- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىلانلىغانلىقى ۋە قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنىڭ "مىللى ۋە دىنىي سەۋەبى"گە دائىر ئامىللارنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاق تاشلىق كىتابتا "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى جوڭگونىڭ مىللى سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنىڭ ئەمىلى مىسالى" دېگەن.
خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر بۇ خۇلاسە ۋە قاراشلار ئامېرىكىدىكى بەزى مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
ئامېرىكا سېتانخولل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ لىيۈي ئەپەندى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ روھىدىن قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللى سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش ياكى ئويلىنىش نىيىتى يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئەگەر خىتاينىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش نىيىتى بولسا مەسىلىگە يالغۇز ئۆز نۇقتىئىنەزىرىنى چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ لىيۈي "جۇڭگو كومپارتىيىسى بۈگۈنكى ھۆكۈمران، ئۇ مەسىلىلەردە تەشەببۇسكار بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى ئۇنىڭ ئويلىشىشىغا تېگىشلىك ئىدى. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مەسىلىنى ئۇ چۈشىنىشى لازىم. سىز ھەممە مەسىلىنى ئۆزىڭىزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدە تۇرۇپلا ئويلىسىڭىز بولمايدۇ. شىنجاڭ جېجاڭ ياكى جياڭسۇغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كومپارتىيە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ يەر كومپارتىيىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە راكېتا بازىسى. سىز باستۇرۇشقىلا تايانسىڭىز ھېچ نەرسىنى ھەل قىلالمايسىز"، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى مەسىلىگە دائىم ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەنلا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قاراپ بېقىشقا چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"گە دائىر تەنقىدىنى يەنە تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنىڭ "شىنجاڭ" ئىقتىسادىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاق تاشلىق كىتابنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئابزاسىدا مۇنداق دەيدۇ": كونا جۇڭگودىن قېلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى، شۇ جايدىكى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ بىۋاستە زەربىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشقا سەرپ قىلىنىپ، بايلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشى، شىنجاڭنى خەلقئاراغا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە تاشقى سودىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ تاشقى مۇناسۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى."
لېكىن ئامېرىكا سېتونخولل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ھەممىنى "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"گە ئارتىپ قويالمايدىغانلىقى، رايوندىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ لىيۈي مۇنداق دەيدۇ":جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئىككى نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بىرى، چوڭ خەنزۇچىلىك نۇقتىئىنەزىرىدە. يەنە بىرى، پارتىيىلىك نۇقتىئىنەزىرىدۇر. ئۇ مەسىلىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر نۇقتىئىنەزىرىدە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدە تۇرۇپ قارىمايدۇ. مەسىلە: شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونى، كومپارتىيە ئاغزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغدايمىز، دەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتىدە قىلغىنى بىردەك ئەمەس." ياڭ لىيۈي ئەپەندى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان رايوندىكى بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە ۋەدىسىنى ھەقىقى ئىجرا قىلمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللى سىياسى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە چېقىلىپ، رايوننى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تولدۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەھدىتنى كۆپتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشدىكى باھانە سەۋەب قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ياڭ لىيۈي ئەپەندى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا سالغان مەبلىغى خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتدار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلسە ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " ئىچكىرىلىك سودىگەرلەر شىنجاڭغا كېلىپ باي بولىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار بۇ ساھەگە يات كىشىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى نۇرغۇن سودا نىڭبو، جياڭزﯤ ياكى ۋېنجۇ گۇرۇھىدىكى سودىگەرلەرنىڭ مونوپولىيىسىدە. ئۇلار باي بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ مېغىزىنى ئۇلار چېقىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يەنىلا ناچار. بايلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى خەنزۇلارنىڭ قولىدا"، دەپ كۆرسەتتى. ياڭ لىيۈي بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلمىسە، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يۇمشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابدا ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى يۇقىرىقى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى، مەسچىت ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ يېڭىلانغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا مىلادىدىن ئاۋالقى 200 - يىللاردا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانلىقى، دەۋرىمىزدە رايوندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پروفېسسور ياڭ لىيۈي بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەت قىلىشنى، تارىخنى ئىنكار قىلىش نۆۋەتتىكى نازۇك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسۋىتىنى يۇمشىتىشقا پايدىسىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.