خىتاينىڭ لاسانى قايتىدىن قۇرۇش پىلانى ۋە 'تىبەت ھەققىدىكى يالغانچىلىق' ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى تىبەتنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى، بىز تىبەتنى ئازاد قىلدۇق، تىبەت بىر مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون، دالاي لاما تىبەتنى خىتايدىن بۆلۈپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قىلماقچى، دەيدۇ. ئەمما دالاي لاما بولسا، مەن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمەن، تىبەت خىتاينىڭ بىر ئاپتونوم رايونى بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما تىبەتلەر ياشايدىغان باشقا رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن تىبەت رايونىدا تولۇق ئاپتونومىيە بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. مانا بۇ ھازىرقى تىبەت مەسىلىسى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.03.17
Tibet-besim-yuqiri-305 ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 1 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ، ﺳﯩﭽﯘﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

خىتاي بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىكىر پەرقى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خەلقئارادا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 'كوممۇنىست ئارمىيىسى تىبەتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايوننى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن خىتايدىن نوپۇس كۆچۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىبەت شەھەرلىرىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى تەدرىجى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى قوللاندى' دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە پىسەنت قىلماي، 'تىبەتلەرنى قۇللۇق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، تىبەتنى تەرەققى قىلدۇردۇق' دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ لاسا شەھرىنى قايتىدىن قۇرۇش پىلانى

بەلكى يېقىندا يەنە، تىبەتنىڭ پايتەختى لاسا شەھرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ مەقسەت ئۈچۈن تەييارلانغان 'زامانىۋى لاسا لايىھىسىنى تەستىقلىدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي لاسا شەھىرىنى 2020 ‏ - يىلىغىچە ئاھالىلىرى ھوقۇقتا تەڭ - باراۋەر، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، كۆپ مەدەنىيەتلىك 'زامانىۋى شەھەرگە ئاياندۇرىدىكەن. خىتاينىڭ لاسا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇش پىلانىدا ھەتتا، لاسا شەھرىنىڭ نوپۇس سانىنى ھازىرقى 500 مىڭدىن كاملىتىپ، 450 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەر قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فرانسىيىدە ئىشلەنگەن 'خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى يالغانچىلىقى' ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت پايتەختى لاسا شەھىرىنى 'زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان 'لايىھى' نى تەستىقلىغاندىن كېيىن، فرانسىيىدە، بېرنارد دېبورد ئىشلىگەن 'خىتاينىڭ تىبەت ھەققىدىكى يالغانچىلىقى' ناملىق 54 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە فىلىمى قويۇلدى.

بۇ فىلىمنى بۇ ئىنتېرنېت ئۇلىنىشى ئارقىلىق كۆرۈش مۇمكىن.

بېرنارد دېبورد ئەپەندى بۇ فىلىمنى 'دۇنيادا تىبەت ھەققىدە بىر - بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئاۋاز بار، بۇنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىك قىلىغان ئاۋاز، يەنە بىرى مۇھاجىرەتتىئىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىك قىلغان ئاۋاز، بۇنىڭ قايسى راست، قايسى يالغان؟ بۇنى ئايرىش ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراڭ، دەپ باشلايدۇ. بۇ فىلىمدىكى پاكىتلار ئالدىنقىسىنىڭ تامامەن 'يالغانچىلىق' ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ.

دالاي لامانىڭ كۆز قارشى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لاما 3 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدە تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ 'خىتاي تىبەتتە يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە يوقىتىش سىياسىتى، بۇ 50 يىلدا، تىبەتنى دوزاققا ئايلاندۇردى، خۇجىنتاۋ يېقىندا يەنە بۇ سىياسەتنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تىبەتنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداشنىڭ سەددىچىنىغا ئايلاندۇرۇش دېگەن بىر گۈزەل شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى، دەپ كۆرسەتكەن.

تىبەتلەرنىڭ ئۈچىنچى دىنىي داھىيسى گېبامانىڭ كۆز قارىشى

بۇنىڭدىن بۇرۇن، تىبەتتتىكى ئۈچىنچى چوڭ دىنىي مەزھەپنىڭ داھىيسى 14 ياشلىق گېبامانىڭ تىبەتتىن قېچىپ درامسلاغا كەلگەنلىكى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر چوڭ ۋەقە بولغان ئىدى. ب ب س يېقىندا درامسالادا 24 ياشلىق گېبامانى زىيارەت قىلدى. زىيارەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گېباما ئەينى ۋاقىتتا تىبەتتىن قېچىشنى ئۆزى قارار قىلغان، چۈنكى ئۇ بىر دىنىي داھى، ئۇنىڭ نېمە قىلىشىنى باشقا ئادەم بەلگىلىمەيتتى. ئۇ درامسالاغا كەلگەندە، دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ھەممە قىلىقلىرى ئاللىقاچان خىتايلارغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى سەزگەن، گەرچە ئۇ خىتاي مۇھىتىدا ئاران 10 نەچچە يىل تۇرغان بولسىمۇ.

گېمابانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ تىبەتتىن قېچىشغا، ئۆزىنىڭ ئۇستازى (دالاي) ھىندىستاندا ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئەگەر ئۆزى 18 ياشقا كىرىپ قالسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ قويۇلۇپ، ئىرادىسىگە قارشى ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىشى مۇمكىنلىكى سەۋەبچى بولغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇس

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارلامېنت باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىش ۋە تىبەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇرۇش ھەققىدە تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.