خىتاينىڭ خەلقئارا پائالىيەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ساھىبخان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگۈچى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.24
Rabiye-xanim-Melborn-kino-festiwalida-305.jpg 8 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﯨﺘﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﻓﻪﺳﺘﯩﯟﺍﻝ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﺭﯨﭽﺎﺭﺩ ﻣﻮﺋﻮﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى 23 - سېنتەبىر كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدا، مۇخبىر كرىمەننىڭ، "خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا پائالىيەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۆز ئوبرازىنى قوغدىماقتا" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە، پۇقرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىسە، خەلقئارادا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەر خىل خەلقئارا مەدەنىي پائالىيەتلەردە پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەر خىل پائالىيەت ۋە يىغىنلاردا ھەتتا سىياسىي بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەت ئەلچىخانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاشۇ دۆلەتلەرگە كىرىشىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئەمەلىيەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقى ئىزاھلانغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل چەكلىمىلەرگە يولۇققان تىبەت روھانىي دائىرىسى دالاي لاما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بىرقانچە كىشى ۋە ئۇلارغا ئائىت پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلەر مىسالغا ئېلىنىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى نىزامى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى شۇڭا بۇ پائالىيەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ لېكىن پائالىيەت مەزمۇنلىرى ۋە كۈن تەرتىپلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە كورىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، 5 - سېنتەبىردىن 18 - سېنتەبىرگىچە جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېئۇل شەھىرىدە ئېچىلغان " ئاسىيا دېموكراتىك مۇنبىرىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى"غا قاتنىشىش ئۈچۈن كورىيىگە بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى كورىيىنىڭ سېئۇل خەلقئارا ئايرودرومىدا 57 سائەت توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، بۇ ئىش خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. 22 - سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچى جاڭ يۈ، بۇ ھەقتە توختىلىپ دولقۇن ئەيسانى "بىر خەلقئارالىق جىنايەتچى" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن ئەيسا سېئۇل ئايرودرومىدا توسۇپ قىلىنغاندا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى گېرمانىيىگە قايتۇرۇۋېتىشكە چاقىرغان ھەم ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دىپلومات ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان ئىدى.

بۈگۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق توسۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ بىرقانچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن بەزى دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارا يىغىنلارغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نىڭ كىنو فېستىۋالىدا قويۇلۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى، ھەم كىنو فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ كىنو فېستىۋالىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خوڭكوڭ ھەم تەيۋەننىڭمۇ كىنو فېستىۋالدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، بۇ يىل 10 - ئايدا تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ يەنە قويۇلۇشقا تاللانغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ بىئارام قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئەمما گاۋشيۇڭ شەھىرى بۇ فىلىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن يەنى 22 - سېنتەبىر كۈنى گاۋشيۇڭ شەھىرىدە قويغانلىقىنى بايان قىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكچى بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدا يەنە، ھەر يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيىتىدە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ يەرمەنكىگە 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقانلىقىنى، يەرمەنكىگە خىتاي دۆلىتىدىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق سەنئەتكار، مۇخبىر ھەم يازغۇچىلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى، يەرمەنكىگە يەنە خىتايدىكى مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىسى دەي چىڭ ھەم شائىر بەي لىڭلارنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يەرمەنكە تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ يەنىلا گېرمانىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆمىكىنىڭ كىتاب يەرمەنكىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى پوپوزا قىلىپ، كىتاب يەرمەنكىسىنى تەشكىللىگۈچىلەرگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قارشىلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 10 - ئايدا فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىتاب يەرمەنكىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتاب يەرمەنكىسى مەزگىلىدە گېرمانىيىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابراھام مۇسىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆمىكىنىڭ گېرمانىيە فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئۇچۇر باياناتچىسى بولۇپ، ئۇ كىشى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىتاب يەرمەنكىسىگە بەزى كىشىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلەشكە كۆنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىنى خالىمىسا كېرەك، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە نەشر قىلىنغان ھەم غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە چەتئەللەردە سۆزلەشنى خالىمايدۇ، بۇ قېتىملىق كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ۋەقەلەرگە ئائىت مەزمۇنلار بايان قىلىنغان كىتابلارنىڭ يەرمەنكىگە قويۇلۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىمەكتە، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوسال ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى، ياكى چەتئەللىكلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قېلىشىنى خالىمىسا كېرەك،" دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى پىكىردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى سۆز - ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئوز ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدىكى نۇقسانلارنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋېتىپتۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.