خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 5 بالىدىن 17 ياشلىقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.01.02
2012.01.02
RFA
بۇ بەش نەپەر بالىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، يەنى ئۇلارنىڭ يارىلىرىنىڭ ئېغىرلىشىش ياكى ساقىيىش دەرىجىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانداق مۇامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۈگۈن يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلىپون قىلدى. ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ بەش بالا ئىچىدە 17 ياشلىق بالىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرماقتا.
ئىگىلىگەن ئومۇمى مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، شۇ كۈنكى ۋەقەدە، 17 ياشتىن چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئېتىۋېتىلگەن. چوڭلارنىڭ ئۆلتۈرۈلپ، بالىلارنىڭ ئامان قالغىنىغا قارىغاندا، ۋەقەدە ساقچىلار، يېقىن مۇساپىدە ئوق چىقارغان. بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا يارىلانغان باىللاردىن 17 ياشلىقىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا. مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلمىغان، ئەكسىچە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئەمما يارىسىدىنى ساقايتىش ئۈچۈن، دوختۇر تەكلىپ قىلىپ قىلمىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.