ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇقى مۇكاپاتى بىر خىتاي ئاكتىپىغا بېرىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇقى مۇكاپاتى - ساخاروۋ مۇكاپاتىنى خىتاي ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جياغا بەردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.10.23
Hujia-xitay--eydiz-paaliyetchi-305.jpg ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ 2007-يىلى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ۋاقتىدىكى سۈرىتى.
AFP Photo

مۇكاپاتنىڭ خىتاي ‏ - ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار سۆھبىتى باشلىنىدىغان بىر مەزگىلدە خىتاي تۈرمىسىدىكى بىر ئۆكتىچىگە بېرىلگەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرمەي قالمىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكا ئالىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ساخاروۋنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپات، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇقى مۇكاپاتى بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جياغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ۋاقىت، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەگەر مۇكاپات خۇ جياغا بېرىلسە، بۇنىڭ خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگۈ پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ 35 ياشلاردىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى، خىتاي تۈرمىسىدىكى خۇ جياغا بېرىشنى توغرا تاپقانلىقىنى جاكالاۋەردى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەنز گېرت پۆتتېرىڭ، مۇكاپاتنىڭ خۇ جياغا بېرىلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دەيدۇ": خۇ جيا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە قوغدىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر .... بۇ مۇكاپات ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان پۈتۈن كىشىلەرگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر سىگنالدۇر."

ئانالىزچىلار، مۇكاپاتىنىڭ ۋاقىت قەرەلى ناھايىتى سەزگۈر بىر مەزگىلگە توغرىلانغانلىقى، بۇنىڭ خىتايغا بېرىدىغان سىگنالى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا مىلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا تەكىتلىدى.

خۇ جيا ئىلگىرى بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتى، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن نوبىل مۇكاپاتى ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن، خىتاي نوبىل ۋە ساخاروۋ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا بەرمەسلىك توغرىسىدا نورۋېگىيە دائىرىلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. ساخاروۋ مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى سۇڭ جې ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پۆتتېرىڭغا خەت يېزىپ، ئەگەر مۇكاپات خۇ جياغا بېرىلسە، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ياۋروپادا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە زەخمە يىگەن خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يەنە دەز كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىنى خىتاينىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىقتۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى، خۇ جيانى بىر "جىنايەتچى" ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " خۇ جيانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بىر جىنايەتچى.... بىر جىنايـەتچىنى مۇكاپاتلاش جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىقتۇر. بىز بۇ مۇكاپاتنىڭ مەقسىتىگە پۈتۈنلەي قارشى تۇرىمىز " دەيدۇ. لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا مۇكاپاتنىڭ خۇ جياغا بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالدى شۇنداقلا بۇ تۈردىكى مۇكاپاتلار خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دادىلانە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي باشلىقلار يىغىنى 24 ۋە 25 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى باروسو يېتەكچىلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىك ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۈمە كۈنكى سۆھبەتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى. خىتاي ۋە ياۋروپادىكى 43 دۆلەتنىڭ باشلىقى قاتنىشىدىغان بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ئاساسلىقى خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى باروسسو ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەڭ ‏ - باراۋەرلىك ۋە ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باروسسو،" سۆھبەت بەزىدە ناھايىتى سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ پۈتۈن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشىمىز ناھايىتى مۇھىم " دەيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا بېيجىڭدىكى يىغىندا ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
 
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىلقى ساخاروۋ مۇكاپاتى ئاساسلىقى 3 كىشىگە مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خۇ جيا، قالغان ئىككىسى كونگو كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مالۇ - مالۇ ۋە بلۇرۇسىيىلىك ئۆكتىچى ئالېكساندىر كوزۇلىنلار ئىدى. لېكىن مۇكاپات ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھى ياۋروپا خەلقى پارتىيىسى، سولچىلارنىڭ يېشىللار پارتىيىسى ۋە پارلامېنتتىكى لىبىراللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا خۇ جياغا بېرىلگەن. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يېشىللار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى دانىيال كوخېن - بەندىت بىلەن مونىكا فراسسو شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ خۇ جياغا بېرىلىشىدىكى مەقسەت خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزىگە تەكرار ئولتۇرغۇزۇشتۇر" دېگەن.

"ھاكىمىيەتكە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن خۇ جيا، دەسلەپكى پائالىيىتىنى ئەيدىزلەر ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن باشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇ 2007 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا تۇرۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى يىغىنىغا تور كامىراسىدا قاتناشقان ھەم يىغىندا سۆزلىگەن ئىدى. خۇ جيا ياۋروپا پارلامېنتىدىكىلەرگە بەرگەن گۇۋاھلىقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك خىزمىتىنى تەنقىدلەپ، " جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە جاۋابكار بىر باشلىقىنى ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتىغا يېتەكچى قىلىشى كىشىنى مەسخىرە قىلغانلىقتۇر " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

خۇ جيا 4 ‏ - ئايدا " ھاكىمىيەتكە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك" جىنايىتى بىلەن رەسمىي جازاغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، جازا مۇددىتىنى تىيەنجىندىكى بىر تۈرمىدە ئۆتىمەكتە ئىدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇنى تۇيۇقسىز بېيجىڭدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكىگەن ھەم چارشەنبە كۈنى ئايالى زېڭ جىنيەن ۋە ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن.

خۇ جيانىڭ ئانىسى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئوغلىنىڭ روھى ھالىتىنىڭ جايىدا تۇرغانلىقى، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئوغلىنى ۋاقتىدا دورا بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمدىكى مەسىلە مۇكاپاتنىڭ خۇ جياغا ۋاكالىتەن كىمنىڭ تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىدۇر. 12 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تۈرمىدىكى خۇ جيانىڭ قاتنىشالمايدىغانلىقى مەلۇم. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەننىڭ ئېرىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلاي دېسە بىر مەسىلە، رۇخسەت قىلماي دېسە يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.