14 - نوۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى يالتا شەھرىدە رەسمى باشلاندى

14 - نوۋەتلىك تۇرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى 8 - ئاينىڭ 10 - كۇنى ئۇكراينىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان يالتا شەھرىدە رەسمى باشلاندى. يالتا مەھمانخانىسىدا باشلانغان بۇ قۇرۇلتايغا 36 دولەت ۋە رايوندىن كەلگەن 220 ئەتراپىدا تۇركىي مىللەت ياشلىرى قاتناشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2009.08.10
Turk-yashlar-qurultiyi-Yalta-Qirimda1-305 14 - ﻧﻮﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯘﻛﺮﺍﻳﻨﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻛﺮﺍﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﻪﻧﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻮﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺟﻪﻣﯩﻞ ﻗﯩﺮﯨﻤﻠﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نورۋېگىيىدىن ئادىلجان ئابدۇررەھىم، تۇركىيەدىن ئاتىللا ئەفەندىگىل قاتارلىق 4 كىشى قاتناشماقتا. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئۇكرانىيە پارلامەنت ئەزاسى، قىرىم تاتارلىرى مىللى پارلامېنتوسى باشلىقى، تاتار مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى مۇستافا جەمىل قىرىملى ئوغلى ئەپەندى قىلدى.

مۇستافا جەمىل قىرىملى ئوغلى ئەپەندى سۆزىدە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سىتالىننىڭ 200 مىڭدىن ئارتۇق قىرىم تاتارلىرىنى ئوتتۇرا ئاسياغا ۋە سىبىريەگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەمما تاتارلارنىڭ رۇسلارنىڭ بۇ ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى داۋاملىق مۇجادەلە ئېلىپ بارغانلىقىنى، نەتىجىدە 45 يىلدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ تاتار خەلقىنىڭ ئوز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، تۈرك دۇنياسىنى ئىتتىپاقلىشىشقا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى. كېيىن قىرىم تاتار ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن باشلىقى ئازىز ئابدۇللايەۋ سۆز قىلدى. كېيىن ئۇكرايىنە دولەت رەئىسىنىڭ تاتارىستان ۋەكىلى ۋە تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بىرلىكى باشلىقى ئەكبەر ئابدۇللايەۋ سۆز قىلدى. ئۇلار ھەممىسى تۈرك دۇنياسىنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

بەزى سۆزلىگۈچىلەر نوقتىلىق ھالدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى. ئىراق پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزئوغلۇ تۈرك دۇنياسىنى شۇنداقلا مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۈشكە، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ سىبىريە ۋەكىلى ئەرگەني ئۇسكوئەۋ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمىغان تەقدىردە خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن ئاسىمىلاتسىيە قىلىۋەتسە ئوتتۇرا ئاسيانى بېسىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن د ئۇ ق نامىدىن نورۋېگىيىدىن بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئادىلجان ئابدۇرېھىم، ئۈرۈمچى قەتلىيامى ناملىق ھوججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتتى.

قىسقىسى تارىخى شەھەر يالتادا ئېچىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي تېمىغا ئايلاندى.

يالتا ئۇكرايىنەگە باغلىق قىرىم تاتار ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قارا دېڭىز بويىدىكى 170 مىڭ نۇپۇسقا ئىگە بىر شەھەر بولۇپ، يالتا 1945 - يىلىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى باشلىقى ستالىن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچەل ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېللىتلەر يىغىن چاقىرىپ تارىخى قارارلار ماقۇللانغان يەر دەپ بىلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.