ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
2013.01.03

ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىلاردىن بىرى بولغان توكيودىكى ياسۇكۇنې بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقى بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا مىليونلىغان ئۆزىگە تاۋاپ قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئادەم تاشقىنىغا تولغان ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقىغا قارىماي، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك مەخسۇس ئورۇن ھازىرلاپ، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئائىت تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ يىلقى بۇ پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئۇيغۇر قىزى گۈلىستان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يىلقى ياسۇكۇنې بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقى ئالدىدىكى پائالىيەتنى، ئۆزگىچە بولغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ساتو ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
بۈگۈن ھەر يىلقىغا ئوخشاش ياسۇكۇنې بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتۇق. بۈگۈنكى پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن جەمئىي ئون نەپەر ياپونىيىلىك، ئۇيغۇرلاردىن گۈلىستان قاتناشتى. بۇ يىل بىز ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى توغرىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. ياپون ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە 150-200 نەپەرگىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئىمزاسىنى توپلىدۇق. ھاۋا سوغۇق، شامال كۈچلۈك بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىمزا قويۇپ بەردى.
ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ قاتارلىق تۈرلىرىدە ئۈزلۈكسىز ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئاسىيادىكى كامبودژا، مالايشىيادەك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى دەپسەندە قىلىپ، خىتايدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەۋج ئالغان دۆلەتكە يار يۆلەكتە بولۇشىنى توسۇش، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يىلقى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.