بىر ئۇيغۇر: خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قۇربان ھېيتلىق زىياپىتىدە شۇنداق ئازابلاندىم
2012.11.30

مەزكۇر پائالىيەتكەن قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوساكادىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى زىياپەتكە ئۇقماي كېلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن بەك ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئوساكادىكى كونسۇلخانىسى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئوساكادىكى «بابۇلھايات» تۈرك رېستورانىدا، باش كونسۇل ليۇ يىرېن ۋە مۇئاۋىن باش كونسۇل قۇندۇز يۈسۈپنىڭ تەكشىلىشى بىلەن ئوساكا، كيۇدو ۋە كوبې قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان، ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى دەلىللەنمەكتە. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان، بىر ئۇيغۇر بىزنى سىنئالغۇ ۋە سۈرەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
- سوئال: سىز خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمغا قاتنىشىپسىز؟ شۇنداقمۇ؟
- جاۋاب: شۇنداق. مەن قاتناشتىم.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھەم ھازىر شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەل سۆيگەن ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ قۇندۇز يۈسۈپنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇيۇقسىز شاڭخەيدىن كېلىپ قاتناشقانلىقى، سەنۇبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئىككى كۈن بۇرۇنلا ياپونىيىگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى، ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، ئەل سۆيگەن ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇنغا تېلېفون قىلدۇق.
ئەپسۇس، سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە،2010 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپتىن باشلانغان خىتاي كونسۇلخانىسىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىزلا تۈرك رېستورانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ قاتنىشى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ھەقتە دوكتور تۇرمۇھەممەت ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ قېتىمقى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوساكادىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى زىياپەتكە ئۇقماي كېلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن بەك ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.