ياپونىيىنىڭ تۆت نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇشى ئىنكاس قوزغىدى

ياپونىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇكاياما ناگائو قاتارلىق تۆت نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرغانلىقى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىنكاس قوزغىدى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇئانىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 90 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىغا يازغان خېتىدە، «ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن چاقىرىشىغا يول قويغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، بەلكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى تەرىپىدىنمۇ «ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.

18-ماي كۈنى ياپونىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە- ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان 46 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ئىمزالىق خەت يېزىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇئانىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يازغان خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان.

30-ماي كۈنى نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى تۆت نەپەر غوللۇق ئەزاسىمۇ خىتاي باش ئەلچىسىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق خېتى ئەۋەتكەن. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە يەنە بىر قېتىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ياپونىيىدە چىقىدىغان «سانكى» گېزىتىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە ھەم «ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 30-ماي كۈنىدىكى ئىنگلىزچە سانىدا بۇ تۆت نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسىنىڭ ياپونىيىدە ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىگە نارازىلىق خېتى سۇنۇشىنىڭ سەۋەبى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يازغان خېتىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىدىكى خەۋەردە، ياپونىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خېتىدە يازغان سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماقلىقنى تەلەپ قىلىشى، ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلىدە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىشى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيىنىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېقىقى بىر دېموكراتىك دۆلەتكە خاس سالاپەتنى ئىپادىلىگەنلىكىنى مەدھىيىلىدى.