بۇ تەشكىلات قانداق بىر تەشكىلات؟ ۋەزىپىسى نېمە؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەركىبىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى تۈركىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالائەتتىن بۈيۈكقايا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالائەتتىن بۈيۈكقايا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا چاقىردى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى 56 دۆلەت ئەزا بولغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۈگۈن كېڭىيىپ تېخىمۇ كۈچلەندى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەزا بولدى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە ئىنسان ھەقلىرى،دېموكراتىيىلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا دوكلات تەييارلاپ ئەزا دۆلەتلەرگە تارقاتماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.