بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق ماھىيىتىنى غەرب دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاينى قانۇن تۈزۈم بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىدىغان دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېڭى تاڭ سۇلالىلىقلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقە ھەققىدە بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، كۆپلىگەن خەۋەر - ماقالىلارنى ئېلان قىلدى بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى شىتاۋ رىياسەتچىلىكىدە خىتايچە ئىشلەنگەن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلانغان 'بۈگۈنكى مۇھىم نۇقتا' پروگراممىسى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان پروگراممىلارنىڭ بىرى.
رىياسەتچى شىتاۋ پروگراممىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: ھۆرمەتلىك تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى يەكشەنبە كۈنى بىگۇناھ پۇقرالارنى ئوققا تۇتۇش بىلەن خۇلاسىلاندى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز چۈنكى ھەممىڭلار ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىڭلاردەك 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتتى. نىمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى شۇنچە تېز ئوققا تۇتالىدى يەنى ۋەقە شۇ كۈنى يۈز بېرىپ شۇ كۈنى قول سولىيالىدى؟ بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىدىدىكى ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بۈگۈنكى مۇھىم نۇقتا پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى شىتاۋ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رىيال ئەھۋالىنى مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ.11 - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن،خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە بولغان ئازراقلا نارازىلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ ئۇنى تېررورىزىمغا باغلاپ بىر تەرەپ قىلدى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلىنى مىللى بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشتى.
رىياسەتچى شىتاۋ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپنونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ناھايىتى تېزلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 140 ئادەم ئۆلدى، 828 ئادەم يارىلاندى، زىيانغا ئۇچۇرغان ماشىنا سانى 261 دانە، كوچا ئاپتۇۋۇزى 190، تاكسى 10 دانە ۋەھاكازالار دېدى....
بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ۋەقەنى بۇنداق چوڭايتىپ كۆرسۈتۈشىدىكى مەخسىدى خەنزۇلار كۆڭلىدە ئۇيغۇرلار ھەرقانداق قالايمىقانچىلىقنى مەخسەتسىزلا پەيدا قىلىدىغان مىللەت دېگەن ئىدىيىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇ كۈنى كەچتە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان چاغدىكى ئوق ئاۋازى ھەممە يەرگە ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرغان.
شۇ كۈنى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ بۇ ۋەقەنى دولەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى سەپ ئاتىدى. ھېچقانداق دەلىل ئىسپاتسىز، ھېچقانداق تەكشۈرۈشسىز، ۋە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ۋەقە بۈگۈن يۈز بەرسە ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋەقەنىڭ خارەكتىرىنى بېكىتىۋەتتى. مانا بۇ پارتىيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىقى، مانا بۇ پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالاھىدىلىگى.
بۈگۈنكى قىزىق نۇقتا پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى شىتاۋ خىتايدا ئىلگىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن 89 - يىلىدىكى تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، ۋە 99 - يىلىدىكى فالۇنگۇڭ ھەركىتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى ئوققا تۇتقانلىغىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.
رىياسەتچى يەنە، ئەخلاق ۋە مىللەتلەر ئۆز ئارا بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ئەمەلگە ئاشمىغان جەمئىيەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قورالىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تاڭ سۇلالىلىقلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدىكى ھەۋەر ۋە مەخسۇس پروگراممىلار، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرى ۋەقەنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى خىتايلار ۋە چەتئەللىكلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئومۇمى ماھىيىتىنى توغرا كۆرسۈتۈپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.