'يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس' شېئىرىنىڭ ئاپتورىغا كەلگەن جازالار

يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ئەرزدار ھېكىم سىيىت، ئەسلىدە بىر خەلق قوشاقچىسى ۋە سازەندە بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرزنامە يېزىش بىلەن بىرلىكتە، "يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شېئىر يېزىپ، جەمئىيەتكە تارقاتقان بولۇپ، ئۇ شېئىرىدا خىتاينىڭ دېھقانلارغا قاراتقان سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Dixan-Awaz-Hekim-S3-305 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﯩﻢ ﺳﯩﻴﯩﺖ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﺎﯕﺪﯗﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ھېكىم سىيىت يازغان بۇ شېئىرى سەۋەبىدىنمۇ يەنە بىر قاتار جازالاشلارغا يولۇققان. يېڭىسار دائىرىلىرى ئۇنىڭ توي - تۆكۈنلەردە ساز چېلىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ھېكىم سىيىت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق بىر ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

"يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى ھېكىم سىيىت مانا بۇ شېئىرى سەۋەبىدىن بىر قاتار چەكلىمىلەرگە يولۇققان. يېڭىسار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھېكىم سىيىتنى تويغا چاقىرماسلىق ھەققىدە ئاممىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ساقچىلار ئۇنى نەچچە قېتىملاپ توي سورۇنلىرىدىن ئېلىپ كەتكەن.
 
بۇ يىل 7 ‏- ئايدا يېڭىسار ناھىيىسىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلگەن. ھېكىم سىيىت سۆگەت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشىدىكى سەنئەت ئۆمىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەپ نومۇر تەييارلىغان. ئۇ تەييارلىغان نومۇر ئامما ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تاللىشىدىن ئۆتمىگەن ۋە ھېكىم سىيىت بۇ كۆرەككە قاتناشتۇرۇلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھېكىم سىيىت نۆۋەتتە يېڭىسارنىڭ قىشلاقلىرىدىكى قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ توي ‏ - تۆكۈنلىرىدە ساز چېلىپ، تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.