ساقچى ئىدارىسى ئۈستىدىن شىكايەت خېتى يازغان دىلبەر توختى بىلەن سۆھبەت

بىز 2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن دىلبەر توختىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئۈستىدىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يوللىغان شىكايەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دىلبەر توختى خانىم بەرگەن تېلېفون نومۇرى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.05.25

تېلېفونىمىزنى دىلبەر توختى خانىمنىڭ ئاپىسى ئامانگۈل خانىم ئالدى، ئامانگۈل خانىم قىزىنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، بىزگە كۈيوغلى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ۋە ئۇنىڭ ئولۇمىدىن كېيىن، يۇقىرى ئورگانلارغا ئەرز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ساقچىلارنىڭ ئېرى ۋە قىزىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويغانلىغىنى دەپ بەردى.

بىز دىلبەر خانىم بىلەن ئېرىنىڭ ئۆلۇم سەۋەبى ھەققىدە سوھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەت جەريانىدا دىلبەر توختى خانىم ئېرىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ دىلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە يان بېسىپ، دىلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قارارغا نارازى بولۇپ، يەركەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە يەركەن ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۈستىدىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە دادىسى بىلەن بىللە يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلبەر توختى سۆھبەت جەريانىدا، ئېرى مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ 2006 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ۋېن جىڭشيەن ئىسىملىك ساقچى خادىمى تەرىپىدىن قاتتىق قىيناق ئارقىلىق سوراق قىلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن، يەنە بىر كامېردىكى قاسىم، تۇرسۇن قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ ئۇرۇلغانلىقىنى، نەتىجىدە 11 كۈندىن كېيىن يەنى 2006 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ھېچقانداق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولمىغان، تېخى جىنايىتى بېكىتىلمىگەن، جازا ھۆكۈم قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
 
دىلبەر توختى خانىم، يەكەن ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىسى قانۇن دوختۇرى ئەھەت ئەخمەتنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ھەقىقەتەن قاتتىق قىيناق ۋە تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكەنلىكىنى دەپ بەردى.

دىلبەر خانىم يەكەن ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بۇ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىغىنى بايان قىلىپ، يەكەن ناھىيىلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ 2006 - يىلى چىقارغان 1 - نومۇرلۇق ھۆكۈمنامىسىدە، ساقچىخانا باشلىقى شۇ توڭرېننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى، ئەمما بىر ئايدىن كېيىنلا بۇ ھۆكۈمنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئېرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبكار بولغان ساقچى خادىمى ۋېن جىڭشيەننىڭ 110 دەپ ئاتىلىدىغان جىددىي مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىغا باشلىق قىلىپ يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى، مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ساقچى خادىملىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتتى.

دىلبەر توختى ئۆزى ۋە دادىسىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەرز قىلىپ بارغاندىن كېيىن، 2009 - يىلى، دائىرىلەر مەمەتتۇرسۇننىڭ ئانىسىغا 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، ئايالى دىلبەر توختى ۋە ئوغلىغا 60 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىشنى ھۆكۈم قىلغانلىغىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي، تۆلەپ پۇل ئېلىشنى رەت قىلىپ، ئېرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبكار بولغان ساقچى خادىملىرىنى قانۇن ئارقىلىق جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۇچۇن، دادىسى بىلەن بىللە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ سولاپ قويۇلغانلىغىنى مۇنداق بايان قىلدى.

بىز دىلبەر توختىدىن نېمە ئۇچۇن ئېرىنىڭ ئۆلۇم سەۋەبى ۋە يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۈستىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىغا بۇ شىكايەت خېتىنى يازغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، بۇ ۋەقەنى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئاشكارىلىۋېتىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ دىلو ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەنكىنى، ئۆزىنىڭ قانۇننىڭ ئادىللىغىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سوھبىتىمىز ئاخىرىدا دىلبەر توختى خانىم، ئېرى ناھەق ئۆلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەكەن ناھىيىسىدىكى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنلارغا داۋاملىق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت قانۇن ئارقىلىق ھەق - ناھەقنى ئايرىماقچى ئىكەنلىكىنى، ھازىر مەخسۇس ئادۋوكات تۇتقانلىقىنى ھەم ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇرىدانلىقىنى، بۇ يولدا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ دەردى - ھالىغا يېتىدىغان ئادىل قانۇننىڭ بارلىقىغا ھېلىمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.