زەينۇرە ئەيسا: بۇرۇنقى ھېيتلار ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتەتتى!
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.09.01
2011.09.01
RFA/Erkin Tarim
ئىنسانلار «بۇرۇن، ھازىر ۋە كېلەچەك» دېگەن بۇ جۈملىنى داۋاملىق تەكرارلايدۇ. بۇرۇن، چوڭ دادىلىرىمىز «بۇرۇنقى ھېيتلار ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتەتتى!» دېگەن بولسا، بۈگۈن دادىلىرىمىز بىلەن ئانىلىرىمىز ئوخشاش گەپنى دېمەكتە، كېيىن بالىلىرىمىز، كەلگۈسىدە نەۋرىلىرىمىز بۇ جۈملىنى تەكرارلايدۇ.
بۇرۇن ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى قانداق ئۆتكۈزەتتى؟ نېمە ئېسىل ئەنئەنىلىرى بار ئىدى؟ قانداق بولۇپ بۇ ئېسىل ئەنئەنىلەر ئۇنتۇلدى؟ خىتاي ئۆزىنىڭ دىنىي چەكلىمە قويۇش سىياسىتى قاچان باشلىغان؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا روزى ھېيتى ئۆتكۈزگەن دائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىكى روزى ھېيت ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.