رابىيە قادىر خانىم شىۋىتساريىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

رابىيە قادىر خانىم ھەمرالىرى بىلەن بۈگۈن، شىۋىتسارىيىنىڭ زۈرىخ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، جەنۋەدە بىر كۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، مۇھىم ئۇچرۇشۇش ۋە سۆھبەتلەردە بولغاندىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس خادىمى كەتىي پولىياس خانىم بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.11.26
rabiye-switsariye-305.jpg ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ
RFA
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ جەنۋەدىكى زىيارىىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، جەنۋەدىن يەنە زۈرىخكە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار زۈرىخ شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. شەرقىي تۈركىستان شىۋىتسارىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى ئەپەندى، زۈرىختە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەندىلى ئەپەندى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋىتسارىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردى.

رابىيە قادىر خانىم، شىۋىتسارىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىسپانىيىگە بېرىپ، ئىسپانىيە تىبەت دوستلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئىسپانىيىدىكى بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەكلىبىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلىدىغان، خىتايدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىدا ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش مۇراسىملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىدىكەن. ئىسپانىيىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلىدىكەن.

سۆيۈملۈك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارەتلىرى ھەققىدە سىلەرگە ئىلگىرىلەپ تولۇق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز .
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.