36 سېكۇنتلۇق تەشۋىقات فىلىمىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرەز: ئېرىتىش ۋە ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېتىش

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2025.01.15
xinjiang-dada-shinjang-chong-1024 «بۇ يەردە دېڭىز يوق، ئەمما چەكسىز مۇھەببەت بار: شىنجاڭنىڭ قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىڭ» ناملىق تەشۋىقات فىلىمىنىڭ ئېكران كەسمىسى
xj.chinanews.com.cn

2025-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرى ھەققىدە مەخسۇس ناخشا-ئۇسسۇللۇق تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرى بازارغا سالغان «بۇ يەردە دېڭىز يوق، ئەمما چەكسىز مۇھەببەت بار: شىنجاڭنىڭ قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىڭ» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى دەل شۇنىڭ بىر جۈملىسىدىندۇر.

خىتاينىڭ «داۋجۇڭخۇا» (道中华) ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ تەشۋىقات فىلىمىدا، بىر توپ ئۇيغۇر ۋە خىتاي قىز-يىگىتلىرى غەلىتە شەكىلدىكى ھەم ئۇسسۇلغا ھەم باشقا ھەرىكەتلەرگە ئوخشىمايدىغان بەدەن ھەرىكىتى بىلەن خىتايچە «دادا» (大大) دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، «شىنجاڭ بۈيۈك زېمىن» دېگەندەك سىياسىي مەدھىيەلەرنى بازارغا سالغان.

بىر مەزگىل قەشقەردە ياشاپ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ يەنە بۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدا «رول ئېلىشى» نىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى دائىملاشتۇرۇشىنىڭ بىر دەلىلى ئىكەن.

 ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» بىلەن بىر بىرىگە جىپسىلىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى «پەرق» ۋە «ئالاھىدىلىك» نى چەتكە قېقىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» گەۋدىسىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە خىتاي بازارغا سالغان بۇ 36 سېكۇنتلۇق ناخشا-ئۇسسۇللۇق تەشۋىقات فىلىمى «خىتاي خەۋەرلەر تورى»، X تىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى» سۇپىسى، يۇتۇب ۋە خىتاينىڭ باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقالماقتا.

دوكتور رۇنې سىتېنبېرگنىڭ قارىشىچە، بۇ قىسقا فىلىم ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ۋە خىتايچە كىيىنگەن قىياپەتلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

دوكتور مەغپىرەت كامالمۇ بۇ فىلىمدا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنى خىتايچە كىيىندۈرۈش ۋە خىتايچە ناخشا ئېيتقۇزۇش ئارقىلىق، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆزلىگەنلىكى، بۇ فىلىمنىڭ ئارقىسىغا چوڭقۇر سىياسىي غەرەزنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ يەردە دېڭىز يوق، ئەمما چەكسىز مۇھەببەت بار: شىنجاڭ قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىڭ» ناملىق بۇ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تەشۋىقات فىلىمى بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش» ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئېرىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.