دالاي لاما ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، جۈمە كۈنى سىياتىل شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، "دۈشمىنىمىزنى دوستقا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر دىن بىر يولى، دىئالوگ ۋە ھۆرمەتتىن ئىبارەت" دېگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىگە قاراتقان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بەش كۈنلۈك بىر زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن دالاي لاما، ئامېرىكىدا "ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى رولى ۋە ھېسداشلىق" مەسىلسىدە ئېچىلغان بىر نەچچىلىگەن يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنىدىكى يىغىنغا، دالاي لامانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن 12000 كىشى كېلىپ، قاتناشقان. ئۇلار نىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما بەش كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلارغا جەمئىي 150000 كىشى قاتنىشىدىكەن.

دالاي لاما نىڭ بۇ قېتىقى ئامېرىكا زىيارىتى، جىددىي بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە سىياتىل ساقى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەدبىرلەر ئىلىنغان.