دالاي لاما ئەنگىلىيە باش مىنستىرى گوردون براۋن بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن

سەيشەنبە كۈنى، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما ئەنگىلىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما 11 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە سەپىرى جەريانىدا، باش مىنىستىر گوردون براۋن قاتارلىق ئەنگىلىيىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما نىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى ۋە باش مىنستىر گوردون براۋن بىلەن ئۇچرىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە، گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرىنىڭ بېرلىندە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گېرمانىيىنى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دالاي لامانىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەر پىلانلىماقتا.