دالاي لاما گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، شۇ كۈنى فرانكفورد ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ،" خىتاي سىياسى دائىرىلىرىنىڭ رېئاكسىيىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ناھايىتى قەبىھ بولدى.

بۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى غەش قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ تىبەتكە ھەقىقى ئاپتونومىيە بېرىلىشىنى، " ھەقىقى ئىناقلىقنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلۇشى، ئۆز ئارا ئىشەنچ چوقۇم باراۋەرلىك ئاساسىغا تىكلىنىشى كېرەك" لىكى، لېكىن بۇنىڭغا سەل قارالغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تىبەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش" بۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق" دەيدۇ.

دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايمېر بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقى كىشىلەر قىزىقىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى سېتەن چوكياپا شتايمېرنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىكى "خۇشاللىنارلىق ۋەقە ئەمەس،" دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. لېكىن دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تەكلا سىتەن چوكپايانىڭ سۆزىنى "تىبەت روھانىي داھىيسى ھەرقانداق شەخس ۋە دۆلەت بىلەن چۈشەنمەسلىك پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ،" دەپ تۈزەتتى.

گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل دۈشەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدۇ. گېرمانىيە فرانكفورد ئالجېيمېين گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گېرمانىيىدىكى بىر دىپلوماتى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر گېزىتكە ئەگەر گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل دۈشەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.