رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتتىكى ۋەزىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلغان.
جان مېككەيىن، دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ۋە تۈرمىدىكى تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
بۇ، دالاي لاما نىڭ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جان مېككەيىن بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.
جان مېككەيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنى قاتتىق قول بىلەن باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005 - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن دېموكرات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما مۇ يېقىندىن بېرى دالاي لاما بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرماقتا ئىكەن.
