دالاي لاما ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.10
2008.06.10
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە سەپىرى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدنىڭ ياپونىيە ۋە ھىندونېزىيىگە قاراتقان زىيارىتىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، دالاي لاما باش مىنىستىر كەۋىن رۇد بىلەن كۆرۈشەلمەيدىكەن.
لېكىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، پاۋەل بۇركەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى ستېفان سېمىت ۋە ئاۋسترالىيە فېدېرال مۇھاجىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كرىس ئىۋانس دالاي لاما بىلەن كۆرىشىدىكەن.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ كۆپ بېسىم ئىشلەتكەن غەرب دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئاپرىل ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە، تىبەت مەسىلىسىنى مۇھىم بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
دالاي لاما بەش دۆلەتكە قاراتقان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئۆتكەن ئاي ئەنگىلىيە سەپىرى بىلەن باشلاتقان ئىدى. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.









