25 مىنۇت داۋاملاشقان سۆھبەت دالاي لامانىڭ11 كۈنلۈك ئەنگىلىيە سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۆھبەت تايمىز دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كانتېربارىي ئارخىبىشوپىنىڭ رەسمى قونۇقىدا ئېلىپ بېرىلدى.
باش مىنىستىر بروۋېن، دالاي لامانى سابىق ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىرىدىن تونىي بلايېرTony Blair ۋە جون مېيجور John Majorلارغا ئوخشاش دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالمىغانلىقى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەيلى سۆھبەتنىڭ سىياسى خاراكتېرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن گوردون بروۋېن بولسۇن ياكى 72 ياشلىق دالاي لاما بولسۇن، ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن شۇنداقلا ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۆھبەت توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرمىدى.
ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گوردون بروۋېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، سۆھبەتتە " دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سۆھبەت مۇزاكىرە قىلىنغان "لىقى، باش مىنىستىرنىڭ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى، تىبەت خەلقى بىلەن مەركەزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقى، دالاي لامانىڭ بولسا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئولىمپىككە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىق كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى لوندوندىكى ئالبېرت خان جەمەتى يىغىن زالىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، زالنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 1000 دەك قوللىغۇچى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۆكتىچى " قوللاش " ۋە " قارشى تۇرۇش" نامايىشى ئۆتكۈزدى.