دالاي بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

دالاي لاما، خىتاينىڭ 2008 ‏ - يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۈس قىلدى.

دالاي لاما سۆزىدە ،گەرچە تىبەتتە ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ خىتاينى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دالاي لاما بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىغا قاراتقان 11 كۈنلۈك زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ياپونىيىدە بىر قانچە سائەت توختىغان چېغىدا ئېيتقان بولۇپ، دالاي 12 - ئاپرېلدىن 15 - ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شىتاتىغا تەۋە سىياتۇل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن سىرت، مىشىگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

چارشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى، دالاينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىككى كۈن بۇرۇن، سان فرانسېسكودا نامايىش ئېلىپ بارماقچى بولغان تىبەتلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سادىر قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.