خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما تەرەپ بىلەن يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.05
2008.05.05
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دارامسالاغا جايلاشقان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوغ رىنپوچې گەرچە سۆھبەت ھەل قىلغۇچ نەتىجە بەرمىگەن بولسىمۇ، بۇ خىلدىكى سۆھبەتنىڭ يەنە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سامدوغ رىنپوچې يەنە، ئۆزى ئىلگىرى ئېيتقانغا ئوخشاش بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەردىن ئانچە زور ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ بىر جەريان تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يەنە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە 4 - ماي يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ جەريانى، سۆھبەتتە قانداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان.









