دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى خىتايدا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.03
2008.05.03
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مارت ئېيىدا تىبەتتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى، دۇنيادا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق دولقۇنى قوزغاپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ، تىبەت مەسىلسىدە ، دالاي لاما بىلەن سۆھبەت باشلىشى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جامائەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، ئۆتكەن ئاي تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلايدىغانلىقىنى، جاكارلىغان.
گەرچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، بۇ سۆھبەتنىڭ ئۆتۈملۈك نەتىجە بېرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ ئەمما، سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ سۆھبەتتىن بىر نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، تەكىتلىمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، تىبەتتىكى ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن خەلقئارا جامائەتتە، خىتايغا قارشى قوزغالغان نارازىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلغان.
ئۇلار، دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى تىبەتتىكى جىنايەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنىڭ ئوچۇق - ئىسپاتى دەپ كۆرسەتمەكتە.
شەنبە كۈنى، يەنى دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى تىبەت مەسىلسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خىتايغا يېتىپ كەلگەن كۈنى تىبەت كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، دالاي لاما بىر جىنايەتچى دەپ كۆرسىتىلگەن.









