دالايلامانىڭ ئاكىسى، تىبەتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مۇستەقىللىق تەرەپدارى، ۋاپات بولدى

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ چوڭ ئاكىسى تۇپتېن جىگمې نوربۇ 86 يېشىدا ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدا ۋاپات بولغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.09.07

 ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارالىق تىبەتكە ياردەم ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دالاي لاما ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىنى 6 - سېنتەبىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇققان.

دالاي لامانىڭ ئاكىسىنىڭ دىنىي ئىسمى تاسەر رىنپوچە بولۇپ، تۇپتېن جىگمې نوربۇ ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى. ئۇ، ئىنىسى دالاي لاما بىلەن تىبەتنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراش ۋە يولغا ئىگە بولۇپ، ئۇ باشتىن ئاخىرى تىبەتنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە خەلقئارالىق تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى بەرپا قىلىپ، ئىنىسى دالاي لامانىڭ "ئوتتۇرا يول". يەنى تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە ئېلىش سىياسىي يۆنىلىشىگە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ تەرغىپ قىلىشىچە، تىبەتنىڭ بىرلا چىقىش يولى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، مۇستەقىللىق.

تۇپتېن جىگمە نوربۇ 1922 - يىلى تىبەتتە تۇغۇلغان. 1950 - يىللاردىن كېيىن تىبەتتىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىبەتشۇناس پروفېسسور بولۇپ ئىشلەپ، ئىندىئانادا ياشىغان ئىدى. يېقىندا 73 ياشلىق دالاي لامامۇ ئېغىر ئاغرىپ قالغان بولۇپ، تىبەتلىكلەر ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇنىڭغا روھىي زەربە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، دالاي لاما ئىزچىل ھالدا خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە ئېلىش ھەمدە تىبەتكە قايتىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر كۆرۈنەرلىك نەتىجە بەرمىگەن.

دالاي لاما ۋەكىللىرى 10 - ئايدا يەنە بىر قېتىم بېيجىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىراق، تىبەتلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لامانىڭ ئاكىسى ئىنىسىنىڭ بېيجىڭدىن سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈمىد باغلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.