گېرمان مىنىستىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى خىتاي - گېرمانىيە ئارىسىدا تالاش ‏ - تارتىش قوزغىدى

گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل، جۈمە كۈنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت پىلانىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ بىر دىنىي رەھبەر بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىدىن خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك بىئارام بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېئۇل،"دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك بىئارامچىلىق قوزغىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. مەن دىنىي زاتلار بىلەن دائىم سۆھبەتلەردە بولۇپ تۇرىمەن. ئەمما نېمە ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن ئۇچراشماسلىقىم كېرەك" دەيدۇ.

گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل خانىم بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى جاڭ جۈنخۇينىڭ "فرانكفورت ئەلجېيمېين " گېزىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىتا ئېيتقان بولۇپ، جاڭ جۈنخۇي باياناتىدا مۇنداق دېگەن " بىز گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىغا، دالاي لامانىڭ گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز." لېكىن زېئۇل خانىم مۇنداق دەيدۇ " دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر ."

گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل دۈشەنبە كۈنى بېرلىندىكى بىر مېھمانخانىدا دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدۇ. دالاي لاما بۇ سەپىرىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايمېر، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل ياكى پرېزىدېنت خورست كوخلېرلار بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكى مۇمكىن. زېئۇل خانىم ئۆزىنىڭ دالاي لاما بىلەن باش مىنىستىر مېركېلنىڭ يوليورۇقى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى.

دالاي لامانىڭ گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ئاۋستىرالىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيىلەردە ئېلىپ بارىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ماراتون سەپىرى بولۇپ، 8 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.