بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى يېپىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن نېپالدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.24
2008.08.24
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2000 ئەتراپىدىكى راھىب، راھىبە ۋە بالىلار قاتناشقان بۇ نامايىشقا نېپال ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغان.
نېپال چەتئەللەردىكى تىبەتلەرنىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك ياشايدۇ، بۇ يەردىكى تىبەتلەر بۇ يىل 3 - ئايدا لخاسادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن داۋاملىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. نېپال ساقچىلىرى بىر قانچە قېتىم نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ قېتىم نېپال باش مىنىستىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئولىمپىكنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرى ئولىمپىك مۇراسىمى جەريانىدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.
يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ئۆتكەن ھەپتىدە بېيجىڭدا تىبەتلەرنى قوللاپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان سەككىز نەپەر ئامېرىكىلىقنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تىبەتلەرنى قوللاپ تىنچ نامايىش قىلغان ئامېرىكىلىقلارنى تۇتۇپ سولاپ قويۇشى خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.