خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەيلىك تىبەت سەنئەتچى ئايالنى قولغا ئالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.16
2008.04.16
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جامياڭ كيىنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن. تىبەت سەنئەتچىسىنىڭ يولدىشى لامو جيا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئايالىنى 7 - چىسلادىن كېيىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ساقچىلار جامياڭ كيىنى شىنىڭ شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا سوراق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىل 40 ياشلاردىكى جامياش كيى 20 يىلدىن بېرى چىڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگرامما ئىشلىگۈچىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىدى.
جامياڭ كيى 2006 - يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ، نيۇ يوركتىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئويۇن كۆرسەتكەن. جامياڭ كيىنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ، جامياڭ كيىنىڭ چەتئەلدىكى تىبەت مۇساپىرلىرى، بولۇپمۇ دالاي لاما ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.