خىتاي 1 - مايدا تىبەتنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش پىلانىنى بىكار قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.17
2008.04.17
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونى ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى تىبەتنىڭ چەتئەللەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە ھازىرچە ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ھەمدە ھازىرچە بۇ ھەقتە بىرەر قارارنىڭ ئېلىنمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى، ئەمما قاچان قايتا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
ئەمما ئۇ ئىدارە خادىمى ئۆز نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.
ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى تىبەت ھازىرچە تىنجىمىغان شارائىتتا خىتاينىڭ بۇ يىل 24 - ئاۋغۇستقىچە تىبەتنى قايتا ئاچماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ يىل 10 - مارت تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى 14 - مارتقا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر ئىشلىتىپ تىنجىتىشىغا دۇچ كەلگەن ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى بۇنى "14 - مارت ۋەقەسى" دەپ ئاتاپ قاتتىق باستۇرغان ئىدى.