خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قولغا ئېلىنغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئىز دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلدى

مەركىزى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ھېسابلانغان كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 ‏ - ئايدا لخاسادا يۈز بەرگەن نارازىلىق جەريانىدا قولغا ئېلىنغان 1000 دىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇش جەريانىدا 1000 دىن ئوشۇق تىبەتنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئۈستىدىنلا سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا رايونىغا مەسئۇل خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەندە نەچچە يۈزلىگەن بۇتخانىلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە باستۇرۇپ كىرىپ، قول تېلېفۇن، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىپ، ئەگەر كىم چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

تېنچ يوسۇندا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغانلىق سەۋەبىدىن شارائىتى ناچار تۈرمىلەرگە تاشلانغان نەچچە مىڭلىغان تىبەتلىكلەرنىڭ قايسى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ۋە جىنايىتى توغرىسىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىسا ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.