نېپال ساقچىلىرى 185 نەپەر تىبەتلىكنى قولغا ئالدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.08
2008.06.08
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار تىبەت بايراقلىرىنى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى "450 تىبەت مۇستەقىلچىسى نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى" دەپ خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، شىنخۇئانىڭ ئېيتىشىچە، نېپال ساقچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭغان تىبەتلىكلەرنى يولدا توسۇۋالغان.
نېپالدا ئالدىنقى ئايلاردا مۇشۇنداق خىلدىكى ئاياللار نامايىش يۈز بېرىپ، كۆپ ساندىكى تىبەتلىك ئايال تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. نېپال ھۆكۈمىتى تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ھەر قانداق پائالىيىتىگە يول قويماسلىق ھەققىدە خىتايغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن. نېپالدا 1959 - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدا قېچىپ چىققان 20 مىڭ ئەتراپىدا تىبەتلىك ياشايدۇ.