بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشچە، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى لھاندون تېتھوڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ھەتتا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە نامايىش تەشكىللىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، گرېتسىيىنىڭ ئافېنا شەھىرىدە 4 - ئىيۇن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2016 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كاندىدات شەھەرلەرنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى لھاندون تېتھوڭ يەنە، ئولىمپىك كومىتېتىنى يېقىندا تىبەتتە ئۆتكۈزۈلۈش پىلان قىلىنغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.
بۇ يىل مارتتا تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش باستۇرۇلغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە تاشقى دۇنيا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كىرىشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، باياناتچى تېھتوڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان "ئۆلتۈرۈش، ئۇرۇش، قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا يوللاش قاتارلىق باستۇرۇش" قىلمىشلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئاشكارىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە "قورقۇنچلۇق" ھەربىي ئىدارە قىلىش يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.