خىتاي 9 نەپەر تىبەت راھىبنى ھۆكۈمەت بىناسىنى پارتلاتماقچى بولغان، دەپ قولغا ئالدى

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا 9 نەپەر تىبەت راھىبنى شەرقىي تىبەتتىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى پارتلىتىش پىلانىغا ئارىلاشقان، دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئالغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قولغا ئېلىنغان راھىبلار شەرقىي تىبەتتىكى توڭشيا ئىبادەتخانىسىنىڭ مەنسۇپلىرى ئىكەنلىكى، بۇ راھىبلار 3 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى گيانبې بازىرىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن قولدا ياسالغان بومبا پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى گيانبېدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە خەۋەر قىلىنمىغانلىقى شۇنداقلا ۋەقەدە ئۆلۈم - يىتىم يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ ۋەقە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پىدائىيلار ئەترىتى قۇرغانلىقىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ 45 كىشىلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇش گۇرۇھى پاش قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىللەردە يۈز بەرگەن. لېكىن خىتاينىڭ نىيىتىدىن گۇمانلانغۇچىلار يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن بۇرۇن ئېلىپ بارماقچى بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۈشتىكى بىر باھانىسى دەپ ئەيىبلىمەكتە.