تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سامدوڭ رېنپوچى، جۈمە كۈنى دارامسالادا مۇخبىرلارغا 14 - مارت كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۇرۇش - چېقىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى يەرلىك پۇقرالارغا ناتونۇش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رېنپوچى مۇنداق دەيدۇ " شۇ ۋەقەدە خىتاي ساقچىلارنىڭ تىبەتچە كىيىنىپ ياكى راھىبچە ياسىنىۋېلىپ ئۇرۇپ - چېقىش ۋەقەسىگە يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر بار." مارتنىڭ 10 - كۈنى تىبەت پايتەختى لخاسادا يۈز بەرگەن راھىبلارنىڭ نامايىشى 14 - مارت كۈنىگە كەلگەندە زوراۋانلىققا ئايلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى باھانە قىلىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 22 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 140 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
رېنپوچى يەنە،خىتاينىڭ تىبەتتىكى بەزى ئىبادەتخانىلاردىن قورال - ياراق ۋە پارتلىتىش دورىسى تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىنى رەت قىلدى. ئۇ، بۇ خەۋەرنىڭ كىشىلەر قولدا ياسىۋالغان كېرەكسىز تاپانچا ۋە قىلىچلارنى تېپىۋېلىش ئاساسىدا ئويدۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.